erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر: كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئامېرىكا خىتايدىن تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرنى باستۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك

13‏-ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندا باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا خىتايدىن تېررورلۇقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرنى باستۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دېدى.

ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ژۇرنالىست، ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇشى ئېغىرلىشىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر دىئالوگ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىكەن. بىراق بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، دىئالوگنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغان، ئۇ پەقەت بىر رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان، خالاس. لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دىئالوگ رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالسىمۇ، بىراق ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيەلىك يازغۇچىنىڭ «ئىپارخان» ناملىق رومانى نەشرىدىن چىقتى

ئەنگلىيەلىك يازغۇچى مېلىسسا ئاددېينىڭ «ئىپارخان» ناملىق رومانى 6-ئاۋغۇست نەشرىدىن چىقىپ، بازارغا سېلىندى.

مەزكۇر روماندا ئەسىرلەردىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رىۋايەت تەرىقىسىدە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىپارخان تېمىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىدىن بەدىئىي توقۇلما شەكلىدە ھېكايە قىلىنغان.

روماننىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، مانجۇ ئىمپېراتورى 18-ئەسىرىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، بىر يەرلىك ئايالنى توقاللىققا ئېلىش ھەققىدە يارلىق چۈشۈرىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئىمپېراتوردىن بېسىۋېلىنغان ئانا يۇرتىنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا بەل باغلىغان ئىپارخان قەشقەر بازىرىدىن «ھېدلىغ» ئىسىملىك بىر قىزنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنى خانغا توقال بولۇشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن جاسۇس بولۇپ خاننى ئۆلتۈرۈشكە كۆندۈرىدۇ.

رومان ئەنگلىيەدىكى لەتتەرپرەسس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. جەمئىي 412 بەتلىك بۇ روماندا يۇقىرىقى ۋەقەلىك دراماتىك شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ.

تيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 50 ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان

شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 11:30 دا تيەنجىن پورتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 50 ئادەم ئۆلگەن. نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. خەۋەرگە قارىغاندا پارتلاش ئىككى قېتىم كۆرۈلگەن، ئىككىنچى قېتىمقى پارتلاش تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. پارتلاشتىن كېيىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا پارتلاش مەركىزى ۋە ئەتراپتىكى بىنالار بەئەينى ئۇرۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان.

پارتلاشتىن كېلىپ چىققان سىلكىنىش بىر نەچچە كىلومېتىر دائىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئاشكارىلانمىغان.

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شىددەت بىلەن يامراۋاتقانلىقى مەلۇم

ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان كەسپىي خادىم ئاشكارىلىدى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خادىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەمدىن بەكمۇ تۆۋەن بولغان 3 ھەسسە يۇقۇملاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بىلەن ھېسابلىغاندىمۇ، نۆۋەتتە 100 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى پەرەز قىلىش تامامەن مۇمكىنكەن.

ئۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇ قەدەر تېز يامرىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ كۆچمەن خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جاڭ چۈنشيەننىڭ يەكەن قىرغىنچىلىقىغا بىر يىل بولغاندا ئېلىشقۇ قاتارلىق 3 يېزىنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا

جاڭ چۈنشيەننىڭ يەكەن قىرغىنچىلىقىغا بىر يىل بولغاندا ئېلىشقۇ قاتارلىق 3 يېزىنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاڭ چۈنشيەن 8-ئاينىڭ 6-ۋە 7-كۈنلىرى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، تاغارچى قاتارلىق يېزىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى مەلۇم.

2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەننىڭ ئىلىشقۇ قاتارلىق يېزىلىرىدا خىتايغا قارىشى نامايىش يۈز بەرگەن. كېيىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قارا-قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي نامايىشتا 58 ئادەمنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئاھالىلەر، جاڭ چۈنشيەن يەكەندە زىيارەتتە بولغاندا ساقچىلارنىڭ قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە يول ئېغىرلىرىنى قامال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.