rabiye-turkiye-visa-awaz-toplash.jpgتۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، رابىيە قادىر ئۈچۈن، ئەركىنلىككە ۋىزا بەر» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ئاۋغۇست.

تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ توكات ۋىلايىتىنىڭ تارىختا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تۇرخال ناھىيىسىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، رابىيە قادىر ئۈچۈن، ئەركىنلىككە ۋىزا بەر» ناملىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە شەھەر مەركىزىنىڭ 3 ئوخشىمايدىغان جايىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتكە قىزىقىش ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھازىرغىچە كۈتكەندىن كۆپرەك كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالدۇرراق تۈركىيەگە كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ قول قويغان.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇرخال ناھىيىلىك شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدا جۈمە نامىزى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ تۇرخال ناھىيەلىك شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئالپارسلان كەلىك ئەپەندى قىلغان.

ئۇ، بۇ پائالىيەت توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بېرىپ، ئىمزا يىغىش ئۈچۈن تەييارلانغان بۆلۈمنىڭ ئەتراپىغا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان رەسىملەرنى ئاسقانلىقىنى، بۇ پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، دۇنيادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىچىك كىتاپچىلارنى باستۇرۇپ تارقاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئالپارسلان كەلىك ئەپەندى 5 كۈن داۋاملىشىدىغان ئىمزا يىغىش پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى مەركىزىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، رابىيە قادىر ئۈچۈن، بىر مىليون ئىمزا» يىغىش دولقۇنىنى باشلاتتۇق. بىز بۇ پائالىيەت ئۈچۈن لوزۇنكا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، شەرقىي تۈركىستاننى، رابىيە قادىر خانىمنى تونۇتقان كىتاپچىلارنى تەييارلىدۇق. توكات ۋىلايىتىدىكى شۇنداقلا تۇرخال ناھىيىسىدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلدۇق.

ئالپارسلان كەلىك ئەپەندى بۇ پائالىيەت جەريانىدا تۇرخال خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا، ئۇيغۇرلارغا ۋە رابىيە قادىر خانىمغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
بىز بۇ پائالىيەت جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە، ئۇيغۇرلارغا ۋە رابىيە قادىر خانىمغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. رايونىمىزدىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇق. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدا بەرگەن باياناتلىرى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى چىڭ يۈرەكتىن قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ بىزنى بەكلا سۆيۈندۈردى.

«تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى توكات تۇرخال شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئالپارسلان كەلىك ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە ئۇلارنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش مەسىلىسىنى خەلققە ئاڭلىتىپلا قالماستىن تۈركلەرنىڭ جان ۋە قان قېرىندىشى بولغان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

ئەلۋەتتە رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بىز ئۈچۈن مۇھىم بىر شەخس. تۈركىيە تۈركلىرىگە ئەڭ يېقىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. بىز بۇ قول قويۇش پائالىيىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى، تەن جازاسىنى، ئۆلۈم جازالىرىنى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىز كىشىلەرگە «كېلىڭلار قول قويۇڭلار، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىڭلار. قول قويۇڭلار كوممۇنىست خىتاي مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ يۇرتىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىسۇن. بىلەمسىلەر خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈردى. سىلەر ئەركىن-ئازادە نامىزىڭلارنى قىلىپ، ئىبادىتىڭلارنى قىلغاندا، خىتاي ئۇيغۇرلارغا بۇ ھەق-ھوقۇقنى بەرمىدى.» دەپ توۋلاۋاتىمىز.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قول قويۇلغان قەغەزلەرنى «تۈرك ئوجاقلىرى»تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ بولسا بۇنى تۈرك ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى، بىر مىليون كىشى قول قويسا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
بىز بۇ پائالىيەتكە بەك ئۈمىدۋار. بىز يىغقان بىر مىليون ئىمزانى مەركىزىمىزگە ئەۋەتىمىز. پۈتۈن شۆبىلىرىمىز بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ. بىر مىليون كىشى قول قويغاندىن كېيىن تەشكىلاتىمىزنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ رابىيە خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ ئازىيىشىغا پايدا بولىدۇ دەپ ئويلايمىز.

«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، رابىيە قادىر ئۈچۈن، ئەركىنلىككە ۋىزا بەر» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تۇرخال توكات ۋىلايىتىنىڭ 2-چوڭ ناھىيەسىدۇر. تارىخىي مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان تۇرخال ۋىزانتىيە دۆلىتى دەۋرىدە كىچىك بىر جاي بولۇپ، 1399-يىلىغىچە ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قالغان. 1413-يىلىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا كىرگەن. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن قوشنا دۆلەت ۋە رايونلاردىن كۆپلىگەن كۆچمەن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان تۇرخال، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان بىر ناھىيە ھېسابلىنىدۇ.