
دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قازاقىستان ۋەكىلى ئاسىيام تۇردىيېۋا خانىم، قىرغىزىستان ۋەكىلى چەشمە مۇھتاروۋا خانىم، ۋەكىللىرىدىن مەلىكە ئەخمەدوۋا خانىم ۋە نۇرئەلا نۇردىيەۋا خانىم قاتارلىق 4 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيەدە مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىماقتا. ئۇلار تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەكتە. ئۇلار، 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنى زىيارەت قىلىپ، ئالدى بىلەن مەزكۇر فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن شۇنداقلا ئۇزۇل يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. بۇلاردىن باشقا بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن كۆپلەپ ئوقۇغۇچىنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ ئوقۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئاسىيام تۇردىيەۋا خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ يوليورۇقى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى ۋە كېلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن 2013 – يىلى چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قۇرۇلتېيىدا قازاقىستان ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ئىدىم. رابىيە قادىر خانىم تۈركىيەگە كېلەلمىگەچكە، ئۇنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، بىز تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، پېشقەدەم ئۇيغۇرلار ۋە تايلاند، مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ھال سوراش، شۇنداقلا تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدۇق. زىيارىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.
ئاسيام تۇردىيەۋا خانىم ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات پوندىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، زىيارىتىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئاسيام تۇردىيەۋا خانىم مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قىرغىزىستان ۋەكىلى چەشمە مۇختاروۋا خانىم بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قازاقىستان ۋەكىلى ئاسىيام تۇردىيەۋا خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيە زىيارىتى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.