rabiye-qadir-uchun-bir-milyon-imza-3.jpg

تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھىر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «رابىيە قادىر ئۈچۈن بىر مىليون ئىمزا» ناملىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ئاۋغۇست، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە شۆبىسى بار، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكىشەھىر شۆبىسى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى شەھەر مەركىزىدە «رابىيە قادىر ئۈچۈن بىر مىليون ئىمزا…» نامىدا پائالىيەت باشلىۋەتتى.

8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتكە قىزىقىش بەكلا يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۆچىرەت بىلەن بۆلۈمىگە كېلىپ قول قويماقتا. نەدىم ئۈنال ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەتتە پەقەتلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ئىمزا يىغىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەم تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىلىدىكەن.

ئىمزا قويۇش پائالىيىتى باشلاشتىن بۇرۇن تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەسكىشەھىر شۆبىسى باشلىقى پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندى ئىككى تەرىپىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان رەسىملەر ئېسىلغان بۆلۈمنىڭ ئالدىدا قولىغا مىكروفون ئالغان ھالدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندى شەھەر مەركىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قولىدا مىكروفون بىلەن بەرگەن باياناتىدا 17 كۈن داۋاملىشىدىغان ئىمزا يىغىش پائالىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدىرى قەھرىمان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەپسۇسكى تۈركىيەگە كىرىش ۋىزىسى يوق. كىشىلەر رابىيە قادىر خانىمغا سەن تۈرك نېمە ئۈچۈن تۈركىيەگە كىرەلمەيسەن؟ دەپ سورۇماقتا. رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن ئۈمىد بىلەن تۈركىيەگە كېلىش كۈنىنى كۈتمەكتە. بۈگۈن بۇ يەردە قول قويۇش ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىسىلەر.

تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندى كىشىلەرگە كىشىلەرگە بۇ يەردە قول قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ جېنىمىز، بىزنىڭ قېنىمىز، تۈركچىگە، تۈركىيە تۈركلىرىگە ئەڭ يېقىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. سىز قول قويۇش ئارقىلىق زالىملارغا زەربە بەرگەن بولىسىز. ئاياللار ۋە بالىلار شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىن ياشىيالايدىغان بولىدۇ. كېلىڭ قول قويۇڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىڭ. قول قويۇڭلار كوممۇنىست خىتاي مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ يۇرتىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىسۇن. بىلەمسىلەر خىتاي دۆلىتى 66 يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى قېتىل قىلدى. سىلەر ئەركىن-ئازادە نامىزىڭلارنى قىلىپ، ئىبادىتىڭلارنى قىلغاندا، خىتاي ئۇيغۇرلارغا بۇ ھەق-ھوقۇقنى بەرمىدى.»

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قول قويۇلغان قەغەزلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«سىلەر قويغان ھەر بىر ئىمزا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتىلىدۇ، رابىيە قادىر خانىم تۈركىيەگە كېلىدۇ. قول قويۇڭلاركى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بېشىدىكى بالا-قازالار يوق بولسۇن».

بىز بۇ ئىمزا يىغىش دولقۇنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئەسكىشەھىر شەھىرى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇلى پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، بۇ پائالىيەتكە ئەسكىشەھىر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەسكىشەھىر خەلقىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىلسۇن ناملىق قول قويۇش دولقۇنىغا قىزىقىشى بەكلا يۇقىرى. بۇ پائالىيەت 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. رابىيە قادىر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئايال. رابىيە قادىر خانىم باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشتىن بۇرۇن بىرىنچى بولۇپ تۈركىيەمىزگە كىرەلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى تۈركىيە تېخىغىچە ۋىزا بەرمەيۋاتىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان رەھبەرلەرگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىغا قورال-ياراق ئالماستىن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنسان ھەق -ھوقۇقلىرى كۈرەشچىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش. شەھەرنىڭ مەركىزىدە بۆلۈم ئاچتۇق ھەر كۈنى مىڭلىغان كىشى بۇ يەرگە كېلىپ قول قويۇۋاتىدۇ».

پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئىمزا يىغىش بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ھەم رابىيە قادىر خانىمنى ئاڭلىتىمىز. ھەمدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر تۈركلىرى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەمنى ئاڭلىتىمىز. بىز كوچىلارغا بۇلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئاستۇق، كىتابچە باستۇرۇپ تارقىتىۋاتىمىز. كەلگەنلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپانلارنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىز پەقەتلا ئىمزا يىغىۋاتمايمىز، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركلەرگە ئاڭلىتىۋاتىمىز.»