
رابىيە خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
23-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇشنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇلارنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي بىر تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن: شى جىنپىڭ دەۋردىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق» دەپ نام بېرىلگەن.
يىغىنغا يەنە ئامېرىكا ئاۋازى تىبەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لوساڭ گياتسو، جۇڭگوغا ياردەم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بوب فۇ قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىننى كومىتېت خادىملىرىدىن كىرستوفېر سمىت، ماركو رۇبىئو قاتارلىقلار تەشكىللىگەن.
يىغىدا سۆز قىلغان كىرستوفېر سمىت ئەپەندى: «دىنىي ئېتىقاد زەھەر بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزى بىر زەھەر-دۇر» دېدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى چىقتى
23-ئىيۇل ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنىڭ ساھىبخانىلىقىنى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇنى مۇكاپاتلىماسلىققا چاقىردى.
ئوچۇق خەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، جۇڭگو پۇقرالاركۈچى تەشكىلاتى پرېزىدېنتى ياڭ جيەنلى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى، جەنۇبىي موڭغۇل ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىمزا قويغان.
ئۇلار ئوچۇق خېتىدە، «بىزنىڭ خەلقىمىز چېكىۋاتقان ئىزتىراپلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئىتائەت قىلمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز سىلەرنىڭ 2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرەلمىگەنلىكى، ئەركىنلىكنى ياخشىلىيالمىغانلىقى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئولىمپىكنى يەنە خىتايغا بېرىش «ئولىمپىك روھىغا خىلاپ»، دەپ كۆرسەتتى.
ب د ت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ماسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
8-نۆۋەتلىك ب د ت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىلى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان.
8-نۆۋەتلىك ب د ت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى 20-ئىيۇل ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا باشلانغان. 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 100 دىن ئارتۇق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
يىغىن 24-ئىيۇل ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇنجى قېتىم ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۇنجى قېتىم ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن.
ئىلھام توختىنىڭ خانىمى گۈزەلنۇرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىككى ھەپتە ئېگىرى، يەنى 7-ئىيۇل ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىسىدە كۆرۈشكەن.
كۆرۈشكە ئىلھام توختىنىڭ ئايالى، ئىككى بالىسى ۋە بىر ئاكىسى بولۇپ جەمئىي 4 ئادەم قاتناشقان. كۆرۈشۈش بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان بولۇپ، پۈتۈن جەرياننى تۆت ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ساقچىلار كۆزىتىپ تۇرغان.
كۆرۈشتە ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆز ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئىشلىرى ھەققىدىلا سۆزلىشىشىگە يول قويۇلغان، دېلو توغرىسىدا سۆزلىشىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.
2014-يىلى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلھام توختى ئۈستىدىن سوت ئاچقان ۋە ئۇنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۈرنبېرگ سەھنىسىدە كۆرسەتكەن نومۇرلىرى ئالقىشقا ئېرىشتى
18-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار كۆرسەتكەن نومۇرلار ئالقىشقا ئېرىشكەن.
شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەتلىرى كۆرىكىنى نۈرنبېرگ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن چەتئەللىكلەر مەجلىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان.
ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئىشتىن سىرتقى ئۇيغۇر سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشقان بۇ پائالىيەتكە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى، ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم ۋە ئۇسۇل ئۇستازى خالىسە خانىملار يېتەكچىلىك قىلغان.
ئورۇنلانغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى، ناخشىلار، شېئىرلا ۋە دولان مەشرىپى قاتارلىقلار پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگەن.