
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 23 – ئىيۇل خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن: شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق» دەپ نام بېرىلگەن بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ۋەكىللەر خىتايدىكى فالۇنگۇڭچىلار، خرىستىئان مۇرىتلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەت بۇددىستلىرىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى ۋە ئامېركا ھۆكۈمىتىدىن شى جىنپىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى ئورتاق تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشىنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ قاتتىق رەۋىشتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن جىدىي بىر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك» لىكىنى تەلەپ قىلدى.
«جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن: شى جىنپىڭ دەۋردىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق» نامىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 23 – ئىيۇل سائەت 11 دە باشلاندى.
يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى، تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئامېرىكا ئاۋازى تىبەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لوساڭ گياتسو، خرستىئان مورتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقدە جۇڭگوغا ياردەم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بوب فۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ھەققىدە كانادا 2015 يىللىق يەر شارى خېنىمى، كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىسى ئاناستاسىئا لىن گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆتتى.
يىغىنغا گۇۋاھلىق يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئۆزىنى يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ماركو روبىئو، ۋە يەنە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى روبېرت پىتتېنگېر قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى 10دىن ئارتۇق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئەزەلدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىميەت بېشىغا چىقىقاندىن بۇيان باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز سوتلاش ۋە ئۆلتۈرۈش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق جايلارغا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭمۇ قايتۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىدەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، ھەتتا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىكى ۋە ئادالەت ئۈچۈن سۆزلىگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئېغىر تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار ۋە خىرستىئانلارغا، پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىشى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.
خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن جۇڭگوغا ياردەم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بوب فۇ، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر نامىدىن ئوباما ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇققا، دىنىي ئېتىقادقا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان دىكتاتور شى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كومىتېت خادىملىرىدىن كىرستوفېر سمىت بۇگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتايدىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان دىنلار ۋە خەلقنىڭ ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئاڭلاتقان ۋەكىللەرگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە سۆزىدە: «خىتايدا ھەر قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغانلار باستۇرۇلۇشقا، قاتتىق كونتروللۇققا ئۇچراۋاتقان بۇ كۈندە، ئامېرىكا بۇ خىل باستۇرۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شى جىنپىڭنى كۈتىۋالماقچى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بۈگۈن خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر كۆردۇق، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى قاراڭغۇلۇققا بىر يورۇقلۇق بېرىش، ئاۋازسىز خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى مەقسەت قىلىمىز. بىز بۈگۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئاڭلىغىنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى، فالۇنگۇڭچىلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەتتا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كىشىلىك ھوقوق ھىمايىچىلىرىنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دالاي لاماغا ئېيتقاندەك » دىنىي ئېتىقاد زەھەر بولماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزى زەھەر، بىز ھۆكۈمىتىمىزدىن، پرېزىدېنتىمىز ئوبامادىن بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دېققەت بېرىشنى سورايمىز، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتور سىياسىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا چاقىرىمىز. بۈگۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەمدە تەلەپلىرىڭلارنى مەن شەخسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق ئالىي كومىسسارى بانكىممونغا يەتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىمەن» دەپ تەكىتلىدى.
دۆلەت مەجلىسىنىڭ ساياھەتچىلەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن: شى جىنپىڭ دەۋردىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق»نامىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ۋاشىنگىتون ۋاقتى – 1گىچە ئىككى سائەت داۋام قىلدى، يىغىن ئاخىرىدا رابىيە خانىم ئاخباراتچىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى. خىتاينىڭ بىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى يالغۇز خىتايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋە بىگۇناھ خەلققە تەھدىت سېلىپلا قالماي، پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمغا تەرجىمانلىق قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئالىم سېيىتوف، بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىنتايىن توغرا بىر پەيتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى،رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە ھەر جەھەتتىكى زىيانكەشلىك مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.