ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، مەزكۇر كومىتېت مۇشۇ ئاينىڭ 23 – كۈنى خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىدىكەن.
«جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىن: شى جىنپىڭ دەۋردىكى باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان.
يىغىنغا يەنە ئامېرىكا ئاۋازى تىبەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لوساڭ گياتسو، جۇڭگوغا ياردەم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بوب فۇ قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.
كومىتېت خادىملىرىدىن كىرستوفېر سمىت، مارك رۇبىئو قاتارلىقلار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بۇ يىل ئېلان قىلىنغان يېڭى قانۇنلار ئاتالمىش ‹بىدئەت گۇرۇھلار› ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىنىي ساداقەتنى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەپ قارىدى.»
ئۇچۇردا يەنە خىتاينىڭ تىبەت بۇددىستلىرى ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ساياھەتچىلەر مەركىزىدە چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.