
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، رابىيە قادىر ئۈچۈن ئەركىنلىككە ۋىزا بەر..» نامىدا ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشلاتقان ئىدى. بۇ پائالىيەتكە بولغان قىزىقىش يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە يۈز مىڭلىغان كىشى قول قويغان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليون ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشلاشتىكى مەقسەت تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق يېزىلغان: «رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا تىرىشماقتا. ئۇنىڭ خىتاي دۆلىتىگە كىرىشى چەكلەنگەندەكلا تۈركىيەگە كىرىشىمۇ چەكلەنگەن. بۇ چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەققانىي داۋاسىنى قوللاپ قۇۋەتلەش ئۈچۈن بۇ ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشلاتتۇق.
ئەگەر قول قويماقچى بولسىڭىز، http://turkocaklari.org.tr/sayfa/5432/dogu-turkistan-icin-rabia-kadir-icin-ozgurluge-quot-vize-quot-ver.html تور بېتىگە كىرىپ، قول قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. »
بۇنىڭدىن باشقا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى شۆبىلىرىمۇ كوچا، باغچىلاردا بۆلمە ئېچىپ، تۈرك خەلقىنى ئىمزا ئاتقۇزماقتا.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى باشلاتقان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىزە بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليون ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلاتقانلىقىنى، بىر مىليون ئىمزا يىغىلغاندىن كېيىن بۇنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.