erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

كۆپ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ھېيتلىق نامازنى ئۇيغۇر ئىماملارغا ئەگىشىپ ئوقۇشتى

17-ئىيۇل ئەتىگەندە بۇ يىللىق روزا ھېيت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇتلۇقلاندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن بىرگە ئوقۇشتى.

كۆپلىگەن غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا جامائەت بولۇپ تەشكىللىنىپ روزا ھېيتلىق نامازلارنى ئۇيغۇر ئىماملارغا ئەگىشىپ ئوقۇشتى.

ئامېرىكىنىڭ ۋىرىگىنىيە ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ 17-ئىيۇل ئەتىگەندە ھېيتلىق نامازنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى. ئۇيغۇر دىنىي زات نۇردۇن ھاجىمنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە ئوقۇلغان ناماز ۋە نامازدىن كېيىنكى دۇئالار ئۇيغۇر جامائىتىنى ھاياجانغا سالدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى

روزا ھېيت ھارپىسىدا رادىئويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ زۇلۇم-سىتەملىرىگە باش ئەگمەي تائەت-ئىبادەتلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

ئۇ، ئۇيغۇرلارغا ئەمىنلىك ھۆرلۈك تىلەش بىلەن بىرگە يەنە خىتاينىڭ ھەرخىل باستۇرۇشلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا جەننەت، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەبرە تىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامزان چەكلىمىسىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم جايلاردا دىنىي زاتلارنىمۇ ئۆز دۇكانلىرىدا ھاراق-تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاي ۋە تايلاندقا قارىشى نامايىشلار ئۆكسۈمىدى

تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاي ۋە تايلاندقا قارىشى نامايىشلار ئۆكسۈمىدى.

بۇ خىل نامايىشلار، فىرانسىيەدىكى ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە، گېرمانىيە، تۈركىيەدىكى خىتاي ۋە تايلاند ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. شەنبە كۈنى گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى ئاساسلىقى تۈرك جامائىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش گېرمانىيەنىڭ 5 كە يېقىن شەھىرىدە ئوخشا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيەدە بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تايلاند ئەلچىخانىسى خادىمى نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇيغۇرلار تەييارلاپ كەلگەن نارازىلىق خېتىنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى تايلاندتا قامىلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئوچۇق ئىكەنلىكنى بىلدۈردى

15-ئىيۇل تۈركىيە ھۆكۈمىتى تايلاندتا قامىلىپ ياتقان 60 ئۇيغۇر مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ئىشىكى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئانادولۇ ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋەرنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ 60 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تۈركىيەگە كەپ قالسا تۈركىيەنىڭ ئىشىكى ئۇلارغا ئوچۇقتۇر.»

تۈركىيە ھازىرغا قەدەر تايلاندتا بىر يىلدىن بۇيان ئىزتىراپ چەككەن ئۇيغۇرلاردىن 180 دىن ئارتۇق كىشىنى ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرگەن. بۇ ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇرسەن قىلغان.

15-ئىيۇل تايلاند مۇسۇلمانلار كېڭىشى ھۆكۈمەتنى 52 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

خىتاي ساقچىلىرى شېنياڭ شەھىرىدە 3 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

خىتاي ساقچىلىرى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى 3 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر ئۇيغۇر ئايالنى يارىلاندۇرغان.

ساقچى تەرەپ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مىكروبلوگىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭلىق تېررورچىلار» نىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇلاردىن 28 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق ئۇچۇردا، ۋەقەنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەقسەت -مۇددىئاسىغا ئالاقىدار ھېچقانداق تەپسىلات تىلغا ئېلىنمىغان.

كېيىن دائىرىلەر بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەرنى يىغىۋالغان ۋە بلوگلاردىنمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. خەۋەر ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەسلى خەۋەردىكى «شىنجاڭلىق تېررورچى» دېگەن سۆزلەر چىقىرىپ تاشلانغان.

قەيسەرىدە ئۇيغۇر بالىلارغا ھېيتلىق سوۋغاتلار تارقىتىلدى

تۈركىيەدىكى IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر باللىرىنى ھېيتلىق يوقلىدى.

ياردەم ۋەخپى قەيسەرى شۆبىسى مەسئۇلى خاتىچە خانىم 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بالىنى ماگىزىنغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەردى ۋە ھېيتلىق پۇل تارقاتتى. بۇنىڭدىن قاتتىق خۇرسەن بولغان مۇساپىر بالىلار تۈرك تەشكىلاتىغا رەھمەت ئېيتتى.