noruz-amerika-rabiye-10-yil.jpgنورۇز پائالىيىتىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى تەبرىكلەندى. 2015-يىل 22-مارت، ۋاشىنگتون.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۆھتەرەم ئىخلاسمەنلىرىمىز، مۇبارەك روزا ھېيت بايرام خاسىيىتى بىلەن ھەر بىرىڭلارنى قۇتلۇقلايمىز، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ بۇ خاسىيەتلىك رامىزاندىكى ئىبادەتلىرىنى ئىمان-ئىخلاسى بىلەن تاماملاپ، روزا ھېيتقا كىرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھېيتلىق ئوتلۇق سالام ۋە تىلەكلىرىنى يەتكۈزمەكچىمىز.

ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم، بۇ رامىزاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خىتاينىڭ زۇلۇمى ئەڭ ئېغىر باسقۇچقا يەتكەن بىر مەزگىلدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئەنە ئاشۇنداق ئېغىر كۈلپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئىمان ۋە ئېتىقادىدىن، مىللىي غۇرۇرىدىن كەچمىگەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. شۇنداقلا يەنە، ئېغىر كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا يار يۆلەكتە بولۇپ كەلگەن تۈرك قېرىنداشلار ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈر ۋە سەمىمىي سالاملىرىنى يوللىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ روزا ھېيتلىق ئامانىتىنى سىزلەرگە تاپشۇرىدۇ.