د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىرخانىم چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ «خۇنتىڭتون پوچتا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرىنى تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋېتىگە ۋە تايلاندىكى قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىشقا چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتىگە ماڭغان، دېگەن سۆزىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چەتئەلگە قېچىشىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلغان نەرسە، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىن يىراقتىكى ئۇ ئۇرۇش ئەمەس. ئۇنىڭ سەۋەبى نەچچە ئون يىللادىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش خاراكتىرلىك دۆلەت سىياسىتى» دەپ يازدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازدى، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاممىنىڭ دىققەت نەزىرى ھازىر قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا ۋە تايلاندتىكى قېلىپ قالغان مۇساپىرلارغا قارىتىلىشى زۆرۈر.
تايلاندتىكى قېلىپ قالغان مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكى كېرەك. ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان تەقدىر ساۋاقلار بىلەن تولغان. خەلقئارا جامائەت ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنىۋېرىسال ھوقۇق ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.»
تايلاندنىڭ يېقىندا 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى زور خەلقئارا نارازىلىق قوزغاپ ئامېرىكا، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، تۈركىيە ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.