
5-ئىيۇل كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار 2009-يىل ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ ئالتە يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئۇنىڭدا سۆزلىگۈچىلەر بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس رامزان ئېيىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنىڭ ئەڭ چېكىگە يەتكەن بىر پەيتىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەم مۇشۇ كۈنگىچە توختىماي كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلاردا قەتلى قىلىنغان شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز دوكلاتىدا ئاساسەن 2009-يىل ئۈرۈمچى ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ۋە 2014-يىل 28-ئىيۇلدا قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ بۇ ئىككى ۋەقەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشلىرى دەپ كۆرسىتىپ، بۇنى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئاشكارىلاش لازىملىقىنى ھەم بۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىگە بېپەرۋا قارىمايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇقەددەس ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ق. غوجامبەردى ئەركىن ئاسىيا ئىرادىسى، ۋ ئۇ چ، ب ب چ، چ ن ن، ئازادلىق، شىنخۇا، تەڭرىتاغ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن تەشۋىقات ۋارىقىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە باھا بېرىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەسلى ب د ت ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا پرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا بېيجىڭ دەرھال ئۇيغۇرىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىپ، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى، شۇ جۈملىدىن ئىلھام توختىنى ئازاد قىلىپ، دېموكراتىك سىياسىي ئىسلاھات ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن دىئالوگ، سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئەركىن بەلگىلىشىگە يول قويۇشى كېرەك.»
سۆزگە چىققان ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىنى، بولۇپمۇ ياشلارغا يەتكۈزۈشنىڭ، بۇ ھەقتە خەۋەرلەرنى قازاقىستاندىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى نېمە؟ ئەلۋەتتە، ئۇ ياققا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش. راست، بىزنىڭ دۆلىتىمىز يوق، بىراق ۋەتىنىمىز بار. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياراتقان كارامەت زېمىنىمىز بار. بىز ئۇنى ھېچقاچان ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن كېيىن بىرىنچى قېتىم دۇنيا قوزغىلىپ، ‹مۇشۇنداق بىر مىللەت بار ئىكەن، ئۇنىڭ تارىخى بار ئىكەن. بىز خىتايدا پەقەت خىتايلارلا ياشايدۇ دېسەك، يەنە بىر چوڭ مىللەت بار ئىكەن› دەپ تونۇدى. بىزنىڭ سۆزىمىز، پىكرىمىز بۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى يۈتكۈزۈش.»
مۇراسىمدا شۇنداقلا رۇسىيەلىك مېھمان ھەمراھ زايىتوف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى ۋەكىلى مۇھەممەتجان جانباقىيېف، ژۇرنالىست نائىلەم ھەمرايېۋا، ئالمۇتا شەھىرى تۇرغۇنى ھاكىمجان مەمەتنىيازوف ۋە باشقىلار ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ خاسىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە بۈگۈنكى تەقدىرى ھەم بۇنى تەشۋىق قىلىش يوللىرى، رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى ئاۋۇتجان قەمىردىنوف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە ئۆز پىكرىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى:
«بۈگۈن بىز 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە بولغان قانلىق 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئەسكە ئالدۇق. 5-ئىيۇل كۈنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ناھايىتى ياخشى پىكىرلەر بىلەن، تىنچلىق بىلەن، قورالسىز چىققان خەلقىمىزنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قاتتىق قىرغىنغا ئۇچراتتى. ناھايىتى كۆپ ياشلىرىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز قازا بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمىزنى دۇنيا تونۇدى. بۇ قىرغىنچىلىقتىن دۇنيا خىتاينىڭ قانچىلىك قەبىھلىكىنى، قانچىلىك قانخورلۇقىنى، تېررورچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ بۇ ئىشلاردا ھارماس-تالماس رەھبىرىمىز بولۇۋاتقان رابىيە قادىرنى پۈتكۈل دۇنيا تونۇدى. بىز ئۈچۈن 5-ئىيۇل ۋەقەسى ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. بىزنىڭ بىردىن-بىر ۋەزىپىمىز قانداق قىلىپ ئۇيغۇرىستان دۆلەتچىلىكىنى قۇتقۇزۇش. بىز ئۇنى قۇتۇلدۇرمىساق دۇنيادا بىز ھېچقاچان تەرەققىي ئېتەلمەيمىز. بىزنىڭمۇ ب د ت ئوخشاش دۇنيا تەشكىلاتلىرىدا ۋەكىللىرىمىز بولسا، كۆپلىگەن ياخشى ئىشلار بولاتتى. مانا، قازاقىستان ئازاد بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت بولغاندىن كېيىن، چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بىزمۇ شۇلارنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى مۇشۇ مەسىلىلەر توغرىلىق ئويلىشى ۋە دائىم كۈرەش قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»