2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6-يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە 6 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋەقەدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلگەن ھەمدە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە جاۋاب بەرگىنى يوق شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، سىياسىي ئىقتىسادى، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەر جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق 11-ئىيۇندا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ياكى كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا بىر تۇتاش نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى يىللاردىكىدەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيداندىن بېرىۋاتقان نامايىشىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.