
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشقۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلدى. يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئۈمىد ئاگاھى، ئەسقەر جان، ئەنۋەرجان، دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. 6-ئاينىڭ 26-27-كۈنلىرى چاقىرىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بەزى قارارلار ماقۇللانغان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
رابىيە قادىر خانىم « تۇيۇقسىز گېرمانىيەگە كېلىپ د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپسىز، مەقسەت نېمە ئىدى؟» دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا خىتاينىڭ 28 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ گېرمانىيەدە رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرغانلىقىنى، يىغىندا مۇھىم قارارلارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ھەمپىكىر بولغان قارارلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان بېسىمغا تارتىش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان دىنىي يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنىدىغان ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش، كېلەر يىلى چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي ۋە مالىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ قارارلار ماقۇللىغانلىقىنى بايان قىلدى.