erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم: خىتاي مەزكۇر ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېلىشى كېرەك

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە دۇنيانى خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

2009-يىلى 26-ئىيۇن، شاۋگۇەن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 819 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ھۇجۇمدا پەقەت ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بىر نەچچىسىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ۋەقەنىڭ ماھىيىتى بۇرمىلاشقا تىرىشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: خىتاي بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي جاۋابكارلىرىنى ھازىرغىچە سوراققا تارتقىنى يوق. بۇ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە سەۋەب بولدى. بىز دۇنيا جامائىتىنى شۇ چاغدا گۇناھسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىمىز.

قەشقەر تاختاكۆۋرۈركتە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 كىشى ئۆلگەن

22‏-ئىيۇن قەشقەر قوغاننىڭ تاختاكۆۋرۈركتە بىر قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 كىشى ئۆلگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئىچىدە ئاياللارمۇ بولغان 15 نەپەر پىدائىي ئاپتوموبىل ۋە موتسىكلىت بىلەن ساقچىلارنى سوقۇش، يېنىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە بېنزىن بوتۇلكىسىنى پارتلىتىش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 3 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 7 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلارنى ئوققا تۇتقان، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئوقىدا 15 نەپەر پىدائىي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمچىلار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن قەشقەر قوغانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن.

مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

22-ئىيۇن «ئامېرىكا مۇسۇلمانلار ئىشلىرى كېڭىشى» خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلەرنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ئۇلار ئوچۇق خېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا 24-ئىيۇن مەركىزى قاتارغا جايلاشقان «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇلارمۇ خىتاينى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە دىنى ئېتىقادلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

6-ئاينىڭ 22 كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار پائالىيىتىدە سۆز قىلغان كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسون كەنني ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھۈسەنجان جېلىل ئائىلىسىگە رامىزانلىق سالام يوللىدى.

«دىنىي ئەركىنلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت» ناملىق بۇ پائالىيەتنى كانادادىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» ۋە «بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى» بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇردى.

جاسون كەننىي خىتاي تۈرمىسىدىكى ھۆسەنجان جېلىل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى كۈچلۈك قوغدايمىز.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرى خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇلارنىڭ ھوقۇق دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا: ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى دەلىللەشكە يېتەرلىك ئىسپات يوق

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تېررورلۇققا ئائىت يىللىق دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى دەلىللەشكە يېتەرلىك ئىسپات يوقلۇقى كۆرسىتىلدى.

23-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېررورلۇق مەسىلىسى، ئۇنىڭ مالىيە مەنبەسى ۋە ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر ئۈستىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كەڭ ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئىنتايىن يېتەرسىز بولغانلىقتىن، بۇ ھەرىكەتلەرگە ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش قىيىن بولماقتا.

ھالبۇكى، دوكلاتتا، «كۈنمىڭ ۋوگزال ۋەقەسى»، «ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» ۋە «ئۈرۈمچى ۋوگزال پارتلاش ۋەقەسى» قاتارلىق ئۈچ ۋەقە «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

گۇما ناھىيەسىدىكى قانلىق ۋەقەدە 8 كىشى ئېتىۋېتىلگەن

بۇ يىل 10-ماي گۇما ناھىيەسىنىڭ دۇۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە ئاز دېگەندە 8 كىشى ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى.

بازارلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى دۇۋا بازىرىنىڭ 4-كەنتىدىكى بىر قويچى سايدا سۇ ئېلىۋاتقان بىر گۇمانلىق كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئەھۋالنى كەنت مەسئۇلىغا مەلۇم قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ سايلىقنى قورشاۋغا ئالغان.

قورشاۋدا 8 ئادەم ئېتىۋېتىلگەن. مەزكۇر سايلىقتا قورشاۋغا ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى، قورشاۋنىڭ قانچىلىك داۋام قىلغانلىقى، گۇماندارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەنلىكى، بۇلارنىڭ جەمئىي نەچچە كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.