
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 26-ئىيۇن شياۋگۇەن قانلىق ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزدا سوز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا قايتا چاقىردى.
«شياۋگۇەن ۋەقەسى ھەرگىزمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئالداپ كۆرسەتكەندەك ئادەتتىكى بىر ئىجتىمائىي ماجىرا ئەمەس، بۇ قانلىق پاجىئە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى»دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە بۇ كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شياۋگۇەن قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ماتەم تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. رابىيە قادىر خانىم باياناتىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىتىدۇ.
2009-يىلى 26-ئىيۇن، شياۋگۇئەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئەلىك بىر كۈن بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدە يولۇققان ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قانلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش ھەرىكىتى دەپ قارالغان شياۋگۈئەن ۋەقەسى 2009-يىلدىكى 10 چوڭ ۋەقەنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنيا قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇئەن ۋەقەسىنى ۋاقتىدا، ئادىل بىر تەرەپ قىلماسلىقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك يەنە بىر قېتىملىق زور ۋەقەگە سەۋەب بولدى.
6 يىلدىن بۇيان شياۋگۇئەن ۋەقەسى، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «شياۋگۇئەن ۋەقەسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز قانلىق باستۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىۋەتكەن كۈننىڭ باشلىنىشى » دەپ كۆرسەتتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بېسىۋالغان 60 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ، زىيالىيلىرىمىزنى، قەھرىمانلىرىمىزنى، دىنىي زاتلىرىمىزنى، ھەر ساھە كىشىلىرىمىزنى ئوخشىمىغان نىقابلاپ بىلەن ئۆلتۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەتتا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىمۇ شياۋگۇئەن ۋەقەسىدەك پاجىئە بۇ قەدەر يۈز بەرگەن ئەمەس ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى خىتاي خەلقىنىڭ قولى ئارقىلىق باستۇرۇشىنى ۋە ئۇنىڭغا قانۇنىي جەھەتتىن ئىگە چىقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى. شياۋگۇئەن ۋەقەسىدە شۇ سىگنالنى بەردى. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خەلقىگە، خىتاي بىلەن بىللە ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۆزى ئىسپاتلاپ بولدى، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغاتتى.
ئەمدى ۋەقە جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى:
خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان گۇڭ دوڭغا قاراشلىق شياۋگۇئەن شەھىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سانائەت ۋە ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ. بۇ شەھەردىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا 819 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئىشلەۋاتقان ئىدى ئۇلار 2009-يىلى قەشقەر توققۇزاقتىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى نىقابىدا خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشلەمچىلىككە مىڭلاپ مەجبۇرى ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇلارنىڭ چوڭى 32 ياش، كىچىكى 18 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ،، بۇلارنىڭ ئىچىدە 79 جۈپ ئەر-خوتۇن بار ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنكاسلاردىن، بولۇپمۇ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋگۇئەنگە 6000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەت قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈندىكىدەك ئېغىر زاۋۇت ئەمگىكىنى تۈگىتىپ ياتىقىدا ئارام ئېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچى ياشلار گۇاڭدۇڭ ۋاقتى سەھەر 2 دە تۇيۇقسىز ياتاقلىرىغا تۆمۈر كالتەك، توقماقلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن مىڭلارچە خىتايلارنىڭ ئۆچمەنلىك بىلەن ئېلىپ بارغان قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بۇ كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي ھۇجۇم 4 كە قەدەر داۋام قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنكاسلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زاۋۇت دائىرىلىرى، قوغدىغۇچى خادىملىرى، ھەتتا شەھەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىمۇ بۇ قانلىق ۋەقەگە قاراپ تۇرغان، توسمىغان. ئەتىسى ھۇجۇمچىلار ۋە ۋەقەنى تاماشا قىلغۇچىلار تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرەتلىك ئۇچۇرلار خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە تورلىرىدا قويۇلۇپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆمۈر توقماقلار ۋە تاياقلار بىلەن قوراللىنىۋالغانلارنىڭ تاياق-توقمىقى، تىل-ھاقارىتىگە ۋە رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشىگە دۇچ كەلگەنلىكىدەك ئىرقى قىرغىنچىلىق مەيدانى دۇنياغا ئاشكارىلاندى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدىن كېيىن مەزكۇر ۋەقەنى بىر ئىجتىمائىي ماجىرا دەپ كۆرسىتىپ، «بۇ جەريانىدا 120 كىشى يارىلانغان، ھاشىمجان ئەمەت، سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى كىشى ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ 81 نەپىرى ئۇيغۇر، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شياۋگۇئەن قىرغىنچىلىقىدا ساق قالغان شاھىتلارنىڭ رادىئومىز قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغان بايانلىرى ۋە ئىگىلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا مەزكۇر قانلىق ھۇجۇمدا ئەينى چاغدا خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى 20 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئاز 10 نەپىرى ئايال ئىكەنلىكى، يەنە ئېغىر يارىلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 60 تىن ئاشىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 16 نەپىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقىدەك ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان ئىدى.
ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى شياۋگۇئەن ھەمدە توققۇزاق ناھىيىسىدە بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، دەرھال ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يېيىشقا تىرىشتى. شياۋگۇئەن قانلىق پاجىئەسى دۇنيانى چۆچۈتتى، بۇ قەدەر ئىنسان قېلىپىدىن ۋەھشىيلىك ۋە كەمسىتىش ئۇيغۇرلارنى غەزەپكە تولدۇردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېلىھەم ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى:
-بۈگۈن بۇ ۋەقەنىڭ 6 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئۇيغۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ۋەقەنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ۋە خەلقلەرمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، خىتاي ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىشى، شياۋگۇئەن ۋەقەسىدىكى ئۆلگەن، يارىلانغانلار سانىنى ئاشكارىلىشى، يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك، خىتاي شياۋگۇئەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بىز بۇنىڭ سورۇقىنى قىلىشنى توختاتمايمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىمۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرى سۈپىتىدە جازالىدى. ئاخىرى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇئەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشىغا تەرەققىي قىلدى، ئاخىرى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شياۋگۇئەن ۋەقەسىدە ھەمدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى ئېچىنىش ئىچىدە ئەسلەش بىلەن بىرگە، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خەلقئارا مىقياسىدا نامايىش پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
شياۋگۇئەن سوتى 2009-يىلى، 10-ئۆكتەبىر ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ھېچ گۇناھى بولمىغان 3 نەپەر توققۇزاقلىق دېھقاننى 5 يىلدىن 6 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. گەرچە ئۇلار يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي يۇقىرى سوتى شياۋگۇئەن سوتىنىڭ ئەسلى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، بۇ 3 نەپەر دېھقاننى زىندانغا مەھكۇم قىلدى. بۇلارنىڭ بىرىنىڭ بۇلتۇر قالغان ئىككىسىنىڭ بۇ يىل جازا مۇددىتى توشۇپ، قويۇپ بېرىلىشقا تېگىشلىك ئىدى، ئەمما دائىرىلەر بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.