qazaqistan-almata-uyghur-ana-til-mektep.jpgئالماتادىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىدە ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىگە تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ قېلىشىنىڭ بىردىن – بىر ئامىلى ئۇ ئۇيغۇر ئانا تىلى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە كۆپ ئېيتىلماقتا. ئانا تىلىنى قوللىنىش دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىش خەۋپى قەدىمىي تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە پۈتكۈل بىر خەلقنى تەشۋىشكە سېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئانا تىلىنى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش يۆنىلىشىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالماقتا.

ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان قىيىنچىلىقلار بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆپ ئويلاندۇرماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ھەل قىلىنىشنى كۈتۈۋاتقان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇ بىر قاتار ھەر خىل ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئېنىقلاندى.

تىلىمىزنى ساقلاپ قالالمىدۇق – مىللىتىمىزنى ساقلاپ قالالمىدۇق

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم جۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروف ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ، سەنىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى راۋاجلىنىشىدا ئانا تىلىنىڭ تۇتقان ئورنىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: تىل ئىنسانىيەت، ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ساقلاپ قالىدىغان بولساق، ئۇنى راۋاجلاندۇرىدىغان بولساق، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزمۇ، سەنىتىمىزمۇ، ئەدەبىياتىمىزمۇ راۋاجلىنىدۇ، دېگەن سۆز. ئەگەر تىلنى ساقلاپ قالالمايدىغان بولساق، پۈتكۈل مىللىتىمىزنى ساقلاپ قالالمىدۇق، دېگەن سۆز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بىز ئاساسەن ئانا تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا چوڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىزنىڭ ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرىمىز بولمايدىغان بولسا، كېلەچەكتە نۇرغۇن نەرسىدىن ئايرىلىلىپ قالىمىز.

ئۇ قازاقىستاندا ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەر، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت – جۇرنال ئوقۇرمەنلىرى سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى، بىرىنچى نوۋەتتە، ئانا تىلىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىشنىڭ ئاجىزلاپ كېتىپ بارغانلىقى بىلەن باغلاشتۇردى.

تىلىدىن ئايرىلغان مىللەت – يوقالغان مىللەت

تىجارەتچى ئابدۇخالىق ھەمرايېف مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئەڭ بىرىنچى ئامىلى تىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

تىلىدىن ئايرىلغان مىللەت – يوقالغان، ئۆلگەن مىللەت. يەنى ھەر قانداق ئادەم ئۆز تىلىدا سۆزلىمىسە، ئۇنى ئۇنتۇغان بولسا، ئۇ ئادەم ئۆز مىللىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە يوقالغان، يەنى ئۆلگەن ئادەم بولىدۇ. داغىستان خەلقىنىڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى راسۇل غامزاتوفنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە بولىدۇ: «ئەگەر بۈگۈن مېنىڭ تىلىم يوقالسا، ئەتە مېنى ئۆلدى دەڭلار». بىزدە باشقا تىلدا سۆزلىگەننى يۇقىرى مەدەنىيەتلىك، زامانىۋىيلىك، دەپ پەرەز قىلىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئۆز مىللىتىگە ساتقۇنلۇق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۆز مىللىتىدىن، ئۆز تىلىدىن تانغان ئادەم باشقا مىللەتكىمۇ كېرەك ئەمەس. ئات ئايلىنىپ ئۆز قوزۇقىنى تاپىدۇ دېگەندەك، ئۇنداق ئادەم ئۆلەر ۋاقتىدا بولسىمۇ ئۆز مىللىتى رەسمىيەتلىرىگە مۇھتاج بولىدۇ، ئۆلگەن كۈنى ئۇنىڭ نامى ئۆچىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز ئالدىمىزدا ئۆتكەن نامايەندىلىرىمىزنى نىمە ئۈچۈن ئۇلۇغلاپ، تىلغا ئالىمىز؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز مىللىتىنى ئۇلۇغلىغان، ئۆز ئانا تىلىدا ئىجاد قىلغان، ئۆز مىللىتىنىڭ كەشپىياتلىرىنى مەغرۇرانە باشقا مىللەتكە تونۇتقان. بىز ئۆز تىلىنى ئۇلۇغلىغان مىللەتلەر قاتارىدا بولۇپ قالايلى.

ئانا تىلى ئېتىقاد، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ

ئالىم رۇسلان ئارزىيېف ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقلا دىندا، تۈزۈمدە بولمىسۇن ئۆز ئانا تىلىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئانا تىلىنى مىللەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي بەلگىسى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئېتىقاد، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. 10 – ئەسىردە، يەنى قۇدرەت تاپقان دەۋىردە بىز ئۈچ دۆلەت قۇرغان ئىدۇق. شۇ ئۈچ دۆلەتتە ئىككى خىل مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت، دىنىي ئېتىقاد بولدى. بىراق مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ تۇرغان ئەنە شۇ ئانا تىلى بولدى. ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى مەسئۇت سابىرھاجى بايقۇزى «تىل مىللەتنىڭ مەنىۋىي ۋەتىنى» دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئانا تىلى مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم كاپالىتى، دېسەك بولىدۇ.

ر. ئارزىيېف ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا مەكتەپلەرنىڭ ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەر يوق مەملىكەتلەردە بولۇپمۇ يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىستىسنا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن ئانا تىلى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك

ئەلۋەتتە، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قايسى مىللەت ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايدىغان ئامىل ئۇ تىل. بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ قېيىن بىر دەۋىرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

بۇ ياقتا كۆپى رۇس تىللىق، ۋەتەندە خىتاي تىللىق بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. بىز مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن ئانا تىلى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بار. بۇنىڭغا زىيالىيلار كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، ئامما ئاۋام خەلق ھازىرقى شارائىتقا بولا بالىلىرىنى كۆپرەك باشقا تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشقا ئانچىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەلقىمىزدىكى بىر كەمچىلىك. تىل مەسىلىسى توغرىسىدا مەتبۇئاتتا ماقالىلار كۆپ يېزىلىۋاتىدۇ، بىراق خەلق ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.

ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياشلارنىڭ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆزارا رۇسچە مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ پات – پاتلا بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەھۋال مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ ساقلىنىشىنىڭ مۈشكۈل بىر ئىشقا ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيالىي – كېلەچەككە ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىقتىدار ئېگىسى

يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف بولسا، ئانا تىلىنى قوللىنىش دائىرىسىنىڭ بارغانچە تارىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئانا تىلىنى تەرغىب قىلىشتا بىرىنچى قاتاردا زىيالىيلارنىڭ بولۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:

ئانا تىلى، تەبىئىيكى، توغرا كەلگەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ ئاساسىي ۋاسىتە. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىزنىڭ تىلىمىز شۇنداق ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. بىراق، مىڭلارچە ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ قوللىنىش دائىرىسى يىلدىن – يىلغا تارىيىپ كېتىۋاتىدۇ. مەكتەپلىرىمىزگە بارىدىغان بالىلارنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، تەشۋىشلىك ئەھۋال. ھازىر بولۇپمۇ بىزنىڭ زىيالىيلار ئارىسىدا«ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى بەرمەيدۇ، مىللىي غۇرۇر يوق، كېلەچەكنى ئويلىمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ، ھەممە گۇناھنى ئەنە شۇ ئاتا – ئانىلارغا ئارتىشقا ئامراق بولۇپ كەتتۇق. راستىنى ئېيتقاندا، ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇ يەردە ئەيىبى يوق. ھەممە ئەيىپ زىيالىيلىرىمىزدا.

ئا. ماھمۇدوف مىللىي قەدرىيەتلەرنى ساقلاپ قېلىشتا زىيالىيلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە خەلققە ئۈلگە بولالمايۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە زىيالىي كىشىنىڭ مىللەتنىڭ قۇياشىغا ئوخشىغان، ھەر بىر سۆزى ۋە ئىشى بىلەن خەلققە مەدەت بېرىدىغان، كېلەچەككە ئىلھاملاندۇرالايدىغان ئىقتىدار ئىگىسى بولۇش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.