
رابىيە قادىر خانىم دۇنيانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سورىقىنى قىلىشقا چاقىردى
17-ئىيۇن رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم رامىزان ھارپىسىدا دۇنيانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە رامزان چەكلىمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلىسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقادىنى چەكلىيەلمەيدۇ
ئۇ ئاخىرىدا 17-ئىيۇن شىئەن ۋوگزالىدا ئېتىپ تاشلانغان ئۇيغۇر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئېتىلغان بالىنىڭ سورىقىنى قىلىش، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سورىقىنى قىلىش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە قاراپ تۇرماسلىقىنى، دۇنيانىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يەنە رامىزانغا قارىتىلغان قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئانا تىلى يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلنى قوغداش چاقىرىق قىلىندى
«ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» دا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلنى قوغداش، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن قۇتقۇزۇش چاقىرىق قىلىندى.
يۇقىرى چاقىرىق 15-ئىيۇن تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى -قوش تىل مائارىپى» ناملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىل سىياسىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى يورۇتۇلدى.
شىئەن ۋوگزالىدا ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىدى
خىتاي تۆمۈر يول ساقچىلىرى 17-ئىيۇن شىئەن ۋوگزالىدا ئېتىۋەتكەن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىدى.
ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى بىلەن بىرگە، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، ساقچىلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئوق چىقارغانلىقى، ئۇيغۇر ئەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بېلەت ساقلاۋاتقان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنچىكە دېتاللار جاۋابسىز قالدى.
شىئەن تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە يۈز بەرگەن.
ساقچىلار ۋەقەدىكى رولىنى ئاقلاپ ئۇ ئۇيغۇرنىڭ «قولىغا خىش ئېلىپ، بىلەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاۋاتقان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن ئۇنى ئېتىۋەتكەن» لىكىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن خىتاي ئاخباراتىدا باشقا دېتاللارغا ئورۇن بېرىلمىدى.
دائىرىلەر قاسساپلارنىڭ پىچاقلىرىغا 15 سانتىمېتىرلىق ئۆلچەم بېكىتكەن
نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تىغلىق ئەسۋابلارغا قارىتا بىمەنە تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتىكەن.
قاراقاش ناھىيىسى زاۋا يېزىسىدىكى بىر قاسساپنىڭ يېقىندا رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم بۇيرۇق چىقىرىپ ئۇيغۇر قاسساپلارنىڭ بىردەك 15 سانتىمېتىردىن قىسقا پىچاق ئىشلىتىشىنى بېكىتكەن. بۇ بەلگىلىمە ھازىر قاراقاش ناھىيە بازىرىدا قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدا ۋاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى دائىرىلەرنىڭ تىغلىق سايمانلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن.
مەھبۇس ئاتىسى: ئوغلۇمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىمۇ بىلمەيمەن، كېسەل سەۋەبىنىمۇ
مۇخبىرىمىز ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىقنىڭ سايباغ يېزا ھويلا كەنت سېكرېتارنى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر كەنت ئاھالىلىرىدىن 24 ياشلىق ئابلىكىم نۇرمەمەتنىڭ بۇلتۇر قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن پالەچ ھالەتتە كېپىللىككە قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز 16-ئىيۇن سابىق مەھبۇس ئابلىكىم نۇرمەمەتنىڭ دادىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەھبۇسنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسەل سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.
چارىسىز ئاتا ئوغلىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، نېمە جىنايەت بىلەن كېسىلگەنلىكىنىمۇ ئۇقمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە، ساپساق تۇتۇپ كېتىلگەن ئوغلىنى ساقچىلار پالەچ ھالەتتە ئائىلىگە قايتۇرۇپ كېپىللىك ئۈچۈن 10 مىڭ سوم تۆلەشنى بۇيرۇغاندا ئۇنىڭغىمۇ ئۈن-تىنسىز بويسۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.
9 ياشلىق قىز تايلاندتا تۇتقۇندىكى دادىسىغا سەۋر تىلدى
ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 9 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى راھىلە قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىرى. ئەمما ئۇنىڭ دادىسى قاتارلىق بەش قېرىندىشى تايلاندتا تۈرمىدە.
بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولىدۇ. راھىيلەلەر ئائىلىسىدىكى 11 جان كىشى 2014-يىلى مارتتا تايلاندتىن مالايشىياغا ئۆتۈش يولىدا تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئانىسى6 ئايدىن كېيىن 5 بالىسىنى ئېلىپ تۈرمىدىن قاچىدۇ ۋە نەتىجىلىك ھالدا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىدۇ.
بەختكە قارىشى ئۇنىڭ ئىككى ئۇكىسى، دادىسى، تاغىسى ۋە بىر نەۋرە قېرىندىشى جەمئىي بەشەيلەن قاچالمايدۇ.
راھىلە بۇ يىل ئاپرېل تۈرمىدىكى دادىسىغا خەت يېزىپ ئۇنىڭغا سەۋرى تىلەيدۇ.
راھىلە خەت ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «مەن دادام ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بۇرۇنراق جەم بولسام، ئۇلار بىلەن بىر كۈننى بولسىمۇ بىرگە ئۆتكۈزسەم دەپ تىلەيمەن.» دېدى.