dolqun-eysa-bdt.jpgدولقۇن ئەيسا ب د ت يىغىنىدا

0920 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتالغان ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 6 – يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى بىر تۇتاش خاتىرىلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 10دا باشلانغان يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، مۇئاۋىن رەئىسلەر، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، بەزى كومىتېتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى قاتناشتى. تېلېفون يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ 7 – ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىلىكى ۋە كونسوللىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىشى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ھەر خىل يىغىنلار چاقىرىشى، ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىشى، ماقالە ۋە يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىشى قارار قىلىندى. تېلېفون يىغىنىدا يەنە 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا، كېيىنكى ئايلاردا چاقىرىلماقچى بولغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمى: سەۋەب، پاجىئەلەر ۋە ئاقىۋەتلەر» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 6 يىل بولدى. بۇ 6 يىل جەريانىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، قانچىلىق كىشىنىڭ تۇتۇقلانغانلىقى، ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك چوڭ يوقىتىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنى بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆتكەن يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 91 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى يېزىلدى. گەرچە خىتاينىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكىگە قارىغاندا ئاز بولسىمۇ، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ج خ خادىملىرى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن ياكى تېخىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پەريادىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش ۋە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.