
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى 4-تۈرمىسىدە 9 يىللىق جازا مۇددىتى توشقان، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2015-يىلى 30-ماي كۈنى قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان.
2006-يىلى-1 ئىيۇن قالغان ئىككى قېرىندىشى بىلەن تەڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئابلىكىمگە 2007-يىلى ئاپرېلدا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى «توردا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان» دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، 9 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئوغلى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندىن كېيىن تېخى ھاياجىنى بېسىلمىغان ئانا رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ«بالامنى ئەركىنلىككە ئېرىشتى دېيەلمىسەممۇ، ئەمما خىتاي تۈرمىسىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ ھايات چىقتى» دېدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ت. كۇمار ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «بۇ خۇش خەۋەردىن سۆيۈندۈم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئەسلى ھېچقاچان قولغا ئېلىنماسلىقى، قاماق جازاسىغا بۇيرۇلماسلىقى كېرەك ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئابلىكىمدىن ۋە رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسىدىن چوڭقۇر ھال سورايمەن» دېدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى رادىئومىزغا خەۋەر يوللاپ 9 يىللىق جازا مۇددىتىنى تاماملىغان ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئورتاقلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ئون نەچچە يىل يۈز كۆرۈشمىگەن، يېڭىلا تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغان ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن ھاياجاندا سەل ساقسىز بولۇپ قالغان رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوندىكى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
-بالام ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ۋاقىت سائىتىنى تولۇق توشتۇرۇپ ھايات چىقتى تۈرمىدىن. تۈنۈگۈن، بۈگۈن بايرام بىزنىڭ ئائىلىمىزگە. بالام قارا تۈرمىدىن ھايات چىقتى، بۇ مەن ئۈچۈن ئۇتۇق، بالام ئۈرۈمچىدىكى 4-تۈرمىدە ئىدى، بالىلار ھەممىسى ئالدىغا چىقماقچىدى، ھۆكۈمەتتىن بىرى ۋەكىل بولۇپ كەلسۇن دەپتۇ، چوڭ ئوغلۇم قاھار 30-ماي شەنبە كۈنى ئابلىكىمنى تۈرمىدىن ئالغىلى ئەتىگەن 9 دا بېرىپتىكەن، ۋاقىت توشمىدى دەپ ئىككى سائەت ساقلىتىپ11 بولغاندا ئەمدى مۇددىتى توشتى دەپ قارا دەرۋازىدىن ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپتۇ. بالام ھايات چىقتى. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال، ناھەق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلارنىڭ ھامان ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم شۇنى تىلەيمەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2006-يىلى-1 ئىيۇن ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى ئىنىسى ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن تەڭ توختىتىپ قويغانلىقى ۋە قىزى روشەنگۈلنى ئائىلىسىدە نەزەربەند ئاستىغا ئالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى، دەل بۇ ۋەقەدىن بىر كۈن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ رابىيە قادىر خانىمنى دۇنياغا «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى» دەپ جاكارلىغان ئىدى.، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2007-يىلى 28-يانۋار، خىتاينىڭ ئەدلىيە تەرتىپلىرىگىمۇ خىلاپ ھالدا مەخپىي سوتلانغان. ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا «توردا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان» دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ 9 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى 1-ئىيۇن كۈنى ئالىم ۋە ئابلىكىملارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندا، رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى باج ئوغرىلاش، قەرزىنى كەينىگە سۈرۈش، مال-مۈلكىنى چەتئەل يۆتكەش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ ئومۇمى سوممىسى 60 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىرنى چەتئەلدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ يېتەكچىسى، دەپ ئاتىغان ئىدى. لېكىن رابىيە قادىر ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رابىيە قادىر 2005-يىلى 17-مارت كۈنى ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى شۇ يىلى 5-ئايدا ئەقىدە سودا شىركىتىنىڭ پۈتۈن ھۆججەت-توختامنامىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە شىركەتنى پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسى قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلىكىم باشلىق رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە ئېلىشىنى رابىيە قادىر خانىمدىن ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
خىتاي ئالىم ۋە ئابلىكىملارنى قولغا ئالغان ۋە روشەنگۈلنى نەزەربەند قىلغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى
رابىيە قادىر خانىم ئوغلى ئابلىكىمنىڭ ھايات تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىنى، يەنە «خەلقئارادىكى شۇ كىشىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە توختىماي ئوغلۇمنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە يازغان مەكتۇپلىرىنىڭ، مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىلىرىنىڭ يوللىغان ئىمزالىق خەتلىرى، بولۇپمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى، ئوغلۇمنى 9 يىل كېسىپ ۋاقتى توشقاندا قويۇپ بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ۋەدىسىدە تۇرغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئابلىكىمنىڭ ھايات قويۇپ بېرىلىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەممىگە ئوغلى ئابلىكىم ۋە ئائىلىسى نامىدىن چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرەھىم ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسى 1999-يىلى رابىيە قادىر خانىم سىياسىي جىنايەت بىلەن قارىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلانغان. بۇ خىل زەربە بېرىش رابىيە قادىر خانىم 2005-يىلى 17-مارت كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. چۈنكى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى قۇرغان» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى:
-مەن بۇ خوش خەۋەردىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، ئۆزۈم نامىدىن ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نامىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە خانىم ئائىلىسىنى ئالاھىدە تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن چوڭقۇر ھال سورايمەن، ئابلىكىم جازالانماسلىقى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزىلا خاتا بولغان، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئابلىكىم ۋە رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسىنىڭ تىنچ ياشىشىغا باشقا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە چاقىرىمىز.
1999-يىلى ئاۋغۇستتا، رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەكشۈرگۈچىلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېتىپ بارغان يول ئۈستىدە، مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇ سەۋەبتىن، رابىيە قادىر، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن جىنايەت بىلەن قارىلىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا، 2005-يىلى رابىيە قادىر خانىم قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا يولغا سېلىنغان ۋە سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆكۈپ كەلگەن.
ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىشى ۋە باشقا بالىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان جازالارغا ئۇچرىشى، ئائىلىسىنىڭ پارچىلىنىپ، پۈتۈن ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قەبىھ ھەرىكەتلىرى رابىيە خانىمغا مۇئەييەن روھىي زەربىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينىڭ بۇ بېسىملىرى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئادالەت يولىدىكى، ئىنسان ھەقلىرى يولىدىكى كۈرىشىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.