2015.06.01

رادىئويىمىزنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 30-ماي كۈندۈزدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

2005-يىلى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، 2006-يىلى 30-ماي كۈنى خىتاي دائىرىلىرى رابىيە خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان قاھار، ئابلىكىم ۋە روشەنگۈل قاتارلىق 3 بالىسىنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي دائىرىلەر رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىمنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن 9 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم تۇتقۇن قىلىنىپ توپ-توغرا 9 يىل بولغاندا، يەنى بۇ يىل 30-ماي كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.

رابىيە خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پەرزەنتلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە سالام يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.