2015.05.22

د ئۇ ق 21‏-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر يىلى 15‏-ئىيۇننىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ كۈننى خەلقئارا بايرىمى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق «بىز ئۇيغۇر تىلىنى تەبرىكلەش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى يېزىشى ۋە ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىشىنى، گۈزەل تىلىنى قوغداپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قاراتقان ھۇجۇمى، شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئاسسىمىلياتسىيەچى «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىپ، 15‏-ئىيۇننى «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.

باياناتتا رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېگەن: بىز ئۆز ئانا تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە كىملىكىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. بىز پەقەت ئۆز تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىقلا ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالالايمىز.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004‏-يىلدىن باشلاپ، «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا تاڭغان. ئۇيغۇر مائارىپ تىلى خىتايچىلاشتۇرۇلغان.

لېكىن بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلاردىكى ئەندىشىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ نىيىتى سوئال پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئانا تىل مائارىپىنى تەلەپ قىلىش، ئانا تىلنى سۆيۈش، قوغداش ۋە ئاسراش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.