Jim-McGovern-terbiyilesh-kursi.jpgئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇئاۋىن دىرېكتورى Jim McGovern(جىم ماك گوۋېرن) ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا د ئۇ ق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. 2015-يىلى 6-ماي، ۋاشىنگتون.

ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا سىياسىي سەھنىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دەۋالىرىنى ئاڭلىتىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئەربابلاردىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇئاۋىن دىرېكتورى Jim McGovern (جىم ماك گوۋېرن) ئەپەندى، ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ دىرېكتورى Mark Lagon (مارك لاگون) ئەپەندى ۋە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى Katrina Swett Lantos(كاترېنا) خانىملارنىڭ ئەھمىيەتلىك نۇتۇقلىرىدىن ئۈزۈندىلەر ئاڭلاتقان ئىدۇق، نۆۋەتتە مەزكۇر يىغىندا تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك نۇتۇقلىرىنى دىققىتىڭلارغا سىنىمىز.

10 يىلدىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ كەسىپلىشىشىدە زۆرۈر بولغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە خەلقئارا قانۇنلار قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر بويىچە تەربىيىلەش كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىشىدا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان تەشكىلات، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ خانىم ھۆرمەت بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

لۇئىسا خانىم: «بۇ يەرگە يىغىلغان ھەر بىر ياش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يولىدىكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سىلەر، بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى نەدە دېگەندە، بارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى دەپ ئاتىلىشى ئېغىر بولدى، بىز بۇ نامنى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتچىلىرى دېگەن نامغا ئالماشتۇرالىساق زور نەتىجە قازانغان بولىمىز. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى سىلەرگە ئوخشاش ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قانچە ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى، مانا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ تەشكىلاتلار نۆۋەتتە، دۇنيادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرىلىتىۋاتقان تەشكىلاتلار.ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۆتكەندە بارلىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ياشلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ياشلارغا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بۇ مېنى تولىمۇ مەمنۇن قىلدى، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ياشلارنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ياشلار، سىلەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى قۇچۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق دوستى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر خەلقئارالىق چوڭ ‏-كىچىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى ئالقىشلار ئىچىدە سەھنىگە چىقتى :
-مەن ئىككى خىل ھېسسىيات بىلەن كەلدىم، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىش مەن ئۈچۈن شەرەپ ‏-خۇشاللىق بولسا، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپ، بۇ مېنىڭ 5 -نۆۋەت مۇشۇ خىل مەيداندا ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلىشىم، ھەر نۆۋەت كەلگۈسىدە ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولىدۇ دېگەن ئۈمىدتە سۆزلەيتتىم. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە يامانلىشىۋاتىدۇ. مەن بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزغا مەلۇم بولغان ئەھۋاللارنى ئېيتىپ ئۆتسەم، ئۇيغۇرلار ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىدىن ھەتتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئەڭ ئاددىي بىر ھوقۇقىنىڭمۇ چەكلىنىشى، قانداقتۇر ئۇلارنىڭ بىرەر گۇناھىدىن ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئىنسانغا تەئەللۇق ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى پەقەت رابىيە قادىرنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىدە.سىلەرگە كەلگەن زۇلۇم ۋە جاپا مۇشەققەت ئىنتايىن ئېغىر، چۈنكى سىلەرنىڭ دوستۇڭلار كەمدىن ‏-كەم، ئامېرىكىدىمۇ يوق دېيەرلىك، بۇنداق چەكلىك شارائىتتا ئۆزۈڭلار كۈچلىنىپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىڭلار، ئىشەنچىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار كېرەك، ئاندىن دوستلىرىڭلار بارغانچە كۆپىيىدۇ، دۇنيا سىلەرگە دوست بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن ئۆزۈڭلار ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن مۇشۇ ياشلار، بۇ يەردە ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭلارنى مۇستەھكەملەپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ باشقىلارنىمۇ تەڭ يېتەكلىسەڭلار، ھامان نەتىجە قازىنالايدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن.

ت. كۇمار ئەپەندىنىڭ تەبرىك نۇتقىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفىئە رىچاردسون خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى :
-سىلەردەك جەڭگىۋار كىشىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بەكمۇ پەخىرلەندىم. ئۇيغۇر ياش يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن 2004-يىلى خىتاي تۈرمىسىگە ئېلىنغان. بۇ يىل قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، سىلەرگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ ئوخشىمىغان زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىمدا كۆڭلۈم يېرىم،ئەمما سىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولالىغىنىڭلاردىن سۆيۈندۈم، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى ۋە ئىستراتېگىيىسىنى ئۆگەنگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ناھەق سىياسەتلەرگە ئۇچرىغىنىمىزدا، شۇ دۆلەت ياكى جايلاردىكى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىگە نارازىلىقلارنى بىلدۈرۈڭلار، سىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىڭلار بىزنىڭمۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى داۋاسى ئۈچۈن تەڭ كۈرەش قىلالايمىز. ھەقلىق كۈرەش يولۇڭلاردا داۋاملىق سىلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا سۆزگە چىققان، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرداش دوستلىرىدىن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇچۇڭ سېرىڭ ئەپەندى، ‏-ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر تەقدىرىمىز ئوخشاش بولغانلىقتىن تىبەتلەرنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبىلىرى سىلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارايمەن،‏ -دەپ سۆزىنى باشلىدى ۋە خەلقئارادىكى ھەقلىق داۋا يولىدا ئۇيغۇرلارغا مۇنۇ تۆت تەرەپكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى :

-ئالدى بىلەن بىز كۆز قارىشىمىزنى، پىكرىمىزنى ئىپادىلىگەندە ھېسسىياتىمىز بىلەنلا ئەمەس، ئەقلىمىز بىلەن لوگىكىلىق ئىپادە قىلىشىمىز زۆرۈركەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار دەۋاسىنى ئەقلىي دەرىجىگە كۆتۈرۈپ دۇنياغا قاراتقان باياناتلىرىمىزنى خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىپ پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. داۋايىمىزنى بىزگە ئوخشاش تەقدىردىكى مىللەت ۋە ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەسىلىلەر قاتارىدا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، شۇ چاغدا تېخىمۇ زور قوللاشقا، ھېسداشلىققا ئېرىشەلەيمىز. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى بىز كۈچلۈك فوندى قۇرۇشىمىز، چوڭ تەشكىلاتلارنى يارىتىشىمىز كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى، نۇرغۇن كىشىلەرنى فوندىغا ئەزا قىلىپ تۇرۇپ پائالىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. تۆتىنچىسى، مۆھتەرەم دالاي لاما جانابلىرىنىڭ تىبەتلەرگە داۋاملىق تەكىتلەيدىغىنىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىمەن. يەنى ئەڭ ياخشىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئەڭ يامىنىغا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك، بۇ بىزنىڭ ئىزچىل كۈرەش قىلىشىمىز، ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز، پېشكەللىكلەردىن قايتا ئەسلىگە كېلىشىمىزدە ئىنتايىن زور تىرەك. گەرچە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىگە، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار بولساقمۇ، بىر بىچارىلىك روھىي ھالەتكە چۈشمەسلىكىمىز كېرەك. بىز ئۆزىمىزنى ئاجىز چاغلىساق، بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتنى ياراتقان بولىمىز، مەن ياشلارنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.