
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مىقياسىدا ئۇيغۇر داۋاسنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلارنىڭ، رەھبەرلىك ۋە خىزمەت قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان،ياش ئاكتىپلىرىنىڭ كەسپلىشىشىدە زۆرۈر بولغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە خەلقئارا قانۇنلار قاتارلىق ئاساسي بىلىملەر بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 3 كۈنلۈك پائالىيەتلىرى – 8ماي ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ خىزمەت بىناسىدا ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ھەمىكارلىقىدا بۇ خىلدىكى كۇرسلارنى 10 – نۆۋەت ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كۇرسانتلارغا كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى ئېلىپ بېرىشتا ئىگىلەشكە تېگىشلىك تېخنىكىلار، ئۇنىۋېرستېتلاردا داۋا ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا بىلىم بېرىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ داۋا يولىدىكى تەجرىبىلىرىنى يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئاخىردا يەنە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
بۈگۈن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ يىغىن زالىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ داۋا سېپىگە قېتىلىش ئىستىگىدە تەييارلىنىۋاتقان 50 يېقىن ياشلارغا داۋا ئېلىپ بېرىشتا يېتىلدۈرۈشتە تېگىشلىك ساپا ۋە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك تېخنىلار توغرىسىدا لېكسىيە بەرگەن، ئوچۇق جەمئىيەت فوندىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس دوكتور سۇئى ۋون خانىم لېكسىيىسىدە، كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى بويىچە داۋا ئېلىپ بېرىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدە توختالغاندا، بىر پائالىيەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال نىشان ۋە مەقسەتنى ئېنىق بېكىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا «نۆۋەتتە بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە ئۇيغۇرلار » تېررور» ئاتالغۇسى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنماقتا، ئالدىمىزدا ئولتۇرغان سىلەر يەنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئالدى بىلەن مۇ شۇ «تېررور «دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا » كىشىلىك ھوقوق قوغدىغۇچىلىرى » دېگەن نامغا ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلساڭلار ۋە بۇنى ئورۇندىيالىساڭلار دەسلەپكى غەلىبەڭلار بولىدۇ» دېدى.
كۇرسانتلار ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇنلار بويىچە بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ خىلدىكى تەربىيىلىنىش پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ئېچىلغان كۇرسلارغا ئۇدا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلارنىمۇ ھەتتا بۇ سەپكە يېڭى قېتىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئون نەچچە ياشلاردىكى ئەمدىلا ياشلىققا قەدەم قويغان ياشلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولاتتى.
بۈگۈن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ يىغىن زالىدا، جۇشقۇن كەيپىياتتا داۋام قىلغان كۇرستا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان، 20 ياشقىمۇ تولمىغان بىر ياش ھاياجان ۋە سەل تەمتىرەش ئىچىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ئاكتىپلار ئارىسىدا بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئامىلنىڭ «يەكەن ۋەقەسى» ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى بولغان بولسا، ئىككىنچى سەۋەب يەنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر، ئۇيغۇر ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن ئالىم سېيىتوف، ئېلشات ھەسەن قاتارلىقلارنىڭ تورلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتلىرىدىن قوزغالغان ھاياجان ۋە ئىستەك ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، مۇشۇ خىل كۇرس ۋە بۈگۈنكىدەك لېكسىيەلەردە ياش ئاكتىپلار ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقىلار توغرىدا توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلارنى تەربىيىلەش كۇرسى پايتەخت ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا – 6 ماي ئىنتايىن ھاياجان بىلەن باشلىنىپ، ئىككى كۈنلۈك كۇرس ۋە پراكتىكا پائالىيەتلىرى ئامېرىكا دېمۇكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ خىزمەت بىناسىدا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ نۇتۇق بايانلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر پائالىيەت يېتەكچىلىرىنىڭ جانلىق تەسىرلىك دەرس ۋە ئىلمىي مۇھاكىمىلىرى، ئەركىن مۇنازىرىلەر، كۆپ خىل شەكىللىك پائالىيەتلەر بىلەن تەرتىپلىك داۋام قىلدى. ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئوخشاش غايە – ئىستەكلەر بىلەن ۋاشىنگىتونغا يىغىلغان بۇ ياش ئاكتىپلار ئەركىن – ئازادە پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھىتى ئىچىدە، ئۆز – ئارا چوڭقۇر دوستلۇق، مۇكەممەل ھەمكارلىق تورى شەكىللەندۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.