erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

د ئۇ ق نىڭ 10 نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 6-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا مەسئۇل خادىملار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن كۇرسانتلار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى، ئەركىنلىك ئۆيى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى شۇنىڭدەك بىر قىسىم دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىندا رابىيە خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر دۇكاندارلارغا ھاراق، تاماكا سېتىش بۇيرۇقىنىڭ لاسكۇي يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

رادىيومىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دۇكاندارلارنىڭ جۈمەدىن بۇرۇن ئۆز دۇكانلىرىغا چوقۇم ھاراق، تاماكا سېلىشى ھەققىدىكى بۇيرۇق خوتەن ناھىيە لاسكۇي يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ دىن كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

خوتەن ناھىيە لاسكۇي يېزا ئاقتاش كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ بۇيرۇقنىڭ ئەڭ دەسلەپ يېزا سېكرېتارى ۋاڭدىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە لاسكۇي يېزىلىق پارتكومدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سېكرېتار ۋاڭ يېزىدىكى ياشلارنى «ئوڭلاش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە يېزا تەۋەلىكىدىكى ئاشخانا ۋە دۇكانلاردا چوقۇم ھاراق، تاماكا سېتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

چىڭخەيدىكى «ئالىي» تورتخانا ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان

يېقىندا، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدىكى «ئالىي» ناملىق زەنجىرسىمان تورتخانىلارنىڭ «ھالال» دەپ بازارغا سېلىۋاتقان تورتلىرىدا چوشقا يېغى بايقالغان.

بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئالىي» تاتلىق تۈرۈم شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 49 دۇكىنى بار ئىكەن. بۇ دۇكانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر قاتارلىق جەنۇبتىكى شەھەرلەردىمۇ ئاز دېگەندە بىردىن تارماق دۇكىنى بارلىقى مەلۇم.

چىڭخەيدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئالىي» تورتخانىلىرىنىڭ تىجارىتىمۇ سۇسلاشقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوتەن ناھىيە ئاقتاش كەنت سېكرېتارىنىڭ بومبا گۇماندارلىرىنى مەلۇم قىلىپ خىتايغا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خوتەن ناھىيە لاسكوي يېزا ئاقتاش كەنت سېكرېتارى ئادىل سۇلايماننىڭ بۇلتۇر ئاۋات كەنتىدە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا ئىككى نەپەر «بومبا گۇماندارى» نى بايقاپ ساقچىلارغا مەلۇم قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل سۇلايمان خىتايغا كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى سەۋەبلىك دىنىي كەيپىياتى قويۇق بولغان ئاقتاش كەنتىگە سېكرېتار بولۇپ يۆتكەلگەن.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، بۇلتۇر ئۇ بومبا ياسىماقچى بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە 17-18 ياشلاردىكى بۇ ئىككى نەپەر ياش 4 يىلدىن 6 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئىلھام توختىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلە ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىدە خىتايلاردىكى رادىكال مىللەتچىلىك خاھىشى تەنقىدلەنگەن

ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنىڭ 22-ئاپرېلدىن باشلاپ «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ناملىق ئىنگلىزچە تور بەتتە ئېلان قىلىنىۋاتقان «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلە ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.

ئىلھام توختى مەزكۇر ماقالىسىنىڭ 3-قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە روشەن ھالدىكى مىللىي كەمسىتىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىمۇ رادىكال مىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىلھام توختى 2010-يىلى 5-ماي كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ۋە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى يېقىندا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاندى

بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى، يەنى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان 62 ياشلىق بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان ئىدى.

بۇ ۋەقە ئۆز ۋاقتىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ۋە ئۇلارنى سەگىتكەن ئىدى.

ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندە شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھۆججەتلىك خەۋەرلەر ئىشلەپ، مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلدى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم شاھىتلار رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلىگەن مەخسۇس ھۆججەتلىك رادىيو پروگراممىسىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرى بىلگەن ۋە ھېس قىلغان بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.