
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياش يېتەكچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، 6 – ماي چۈشتىن بۇرۇن 9 دىن باشلاپ پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئوتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە باشقا پائالىيەتچىلەر، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۇرسانت ئۇيغۇر ياشلاردىن باشقا، بىر قىسىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھەمدە بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ ھەمكارلىقى ھەمدە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان، 10 – نۆۋەتلىك دۇنيا مىقياسىدىكى ياش ئۇيغۇر يېتەكچى – ئاكتىپلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ كەسىپلىشىشىدە زۆرۈر بولغان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە خەلقئارا قانۇنلار قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر بويىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى 6 – مايدىن 8 – مايغىچە 3 كۈن ۋاشىنگتوندا داۋام قىلماقچى.
ئېچىلىش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ساداسىدا پېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، قىلىچ قانات ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى. ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىم ھاياجان ئىچىدە : ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۇيغۇر ئاكتىپلىقىغا، ياشلارغا ئامېرىكىنىڭ سىياسەت مەركىزى بولغان دۆلەت مەجلىسىدە جەم بولۇپ ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ تەقدىرى مەسىلىلىرى ئۈچۈن يىغىلىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىلغانلىقىغا، تەشەككۇر بىلدۈردى ھەم كۇرسانت ياش ئاكتىپلارنى تەبرىكلىدى.
رابىيە خانىم يەنە ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرىغا مۇشۇنداق بىر تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياش ئاكتىپلارغا ئېھتىياجلىق بىز، تېخىمۇ كۆپ پىداكار ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ئىدى» دېدى.
مۇراسىمدا يەنە ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى جىم ماك گوۋېرن، ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ رەئىسى مارك لاگون، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى كاترىنا سۋېتت لانتوس، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى لوئۇئىسا گرېۋە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى ت. كۇمار قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەقدىرى مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاپ كېلىۋاتقان خەلقارالىق ئورگان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خادىملىرى تەكلىپ بىلەن تەبرىك سۆزى قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ياش كۇرسانتلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىق كۈرۈشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇلار يەنە بايانلىرىدا رابىيە قادىر خانىمغا ئالاھىدە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ، رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا يولىدىكى يول باشچى، ئۆزىنى مىللىتىنىڭ داۋاسىغا بېغىشلىغۇچى ھارماس كۈرەشچى دەپ مەدھىيىلىدى ۋە ئىلھام بەردى.
بۇ خەلقارا مىقياسىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياشلارنىڭ، رەھبەرلىك ۋە خىزمەت قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر كۇرسنىڭ پروگرامما كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، كۇرسنىڭ بىرىنچى كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن،كۇرسانتلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر قايسى كومىتېتلىرىنى زىيارەت قىلىپ كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈزۈلمىسى خىزمەت تەرتىپلىرى قاتارلىقلات بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ ۋە يەنە مەزكۇر ئورگانلاردا ئۈنۈملۈك ئىش بېجىرىش پائالىيەت ئېلىپ بېرىش نەزىرىيىۋى بىلىملىرىنى ئەمەلىي پراكتىكىلاردا تەتبىقلاپ جانلىق ئۆگىنىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك كۇرسنىڭ ئىلگىرىكى قېتىملاردىن ئارتۇق يەنە بىر تەرىپى كۇرسانت ياشلار 8 – ماي، كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ شەخسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سوئال سوراش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلىنىدۇ ۋە يەنە مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى ئۈستىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. دېمەك، بۇ ياش ئاكتىپلارنىڭ زۆرۈر بولغان ئاساسىي بىلىم ۋە پائالىيەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە، كۆپ خىل شەكىللىك رىقابەتلىك ۋە ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە ھاياجانلىق بىر قېتىملىق تەجرىبە توپلاش پۇرسىتى بولىدىكەن.
بىز د ئۇ ق نىڭ 10 – نۆۋەتلىك ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 3 كۈنلۈك پائالىيەتلىرىدىن داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.