amerika-uyghur-birleshme-kurs-2015.jpgئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى كۇرسىدىن بىر كۆرۈنۈش

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى 5 – ماي، سەيشەنبە كۈنى كېچە ئۇيغۇر ياش رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا پايتەختىگە كەلگەن ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى فەيىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان تۈرك – ئامېرىكا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى شۇنىڭدەك ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ھەم مېھمانلار قاتناشتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇق سۆزلەپ، يىراق – يېقىندىن كەلگەن كۇرس ئىشتىراكچىلىرى ۋە مېھمانلارنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى نامىدىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىم سېيىتوف ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىلىشقا نېسىپ بولغانلىقى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەچىلىرى، مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلۇشىدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە ياشلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى داۋا پائالىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشتا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ياشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا يەنە تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن كۇرس ئىشتىراكچىلىرى ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئارقىمۇ – ئارقىدىن سۆز قىلىپ، كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىقنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تارىختىكى سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ سىياسى جەھەتلەردىن ئۆزىنى تەربىيىسى ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، شۇڭا ياش ئەۋلادلار، بولۇپمۇ سىياسىي دەۋا رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيانى سىياسىتى، دېموكراتىيە ۋە باشقا بىلىملەر بىلەن ئۆزىنى تەربىيىلىشى ھەم كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى، ئۇ د ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، كۇرسنىڭ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىغا ئۆز ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا كۇرس پروگرامما يېتەكچىسى ئۆمەر قانات 6 – 7 – 8 – چىسلا كۈنلىرىدكى پۈتۈن كۇرس پائالىيەت كۈن تەرتىپلىرىنى چۈشەندۈردى ھەمدە بۇ قېتىم ياشلارنىڭ بۇ كۇرس پائالىيىتىگە يۇقىرى قىزغىنلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مۇراسىم كەچ سائەت 9 لاردا ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر ياش يېتەكچىلىرىنى دېمورمكاتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەربىيلەش كۇرسى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فودىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي تەرىپىدىن تەشكىل قىلىندى.