erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەردى

29-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پارلامېنتى ئۇيۇشتۇرغان ماگنېتىسكىي نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى.

بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا پارلامېنتى قارمىقىدىكى ئافرىقا، دۇنياۋى ساغلاملىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار شۆبە كومىتېتى تەشكىللىگەن.

مەزكۇر يىغىنىدا ماگنېتىسكىي نامىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى تۇرغۇزۇش بويىچە رابىيە خانىم قاتارلىق 4 نەپەر كىشى گۇۋاھلىق نۇتقى سۆزلىگەن.

رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇق تەلەپلىرىنى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» مىللەت، دىن ۋە چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن مۇھاكىمە ئۆتكۈزدى

«مىللەت، دىن ۋە چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» 27-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ باش ساھىبخانىلىقى، ئامېرىكا «دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى»، «ئەركىنلىك ئۆيى» قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىنغا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بويىچە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەردى.

شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىنى ئاشكارا قىلماقتا

يېقىندا ئەركىن دۇنياغا چىققان بىر سابىق مەھبۇسنىڭ ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى 2-تۈرمىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەمدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «سىياسىي جىنايەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق قىيناشلىرىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قاماقتىكى خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭمۇ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن.

ئۇ يەنە كازىۋەن تۈرمىسىدە ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ 35 ياش، ئەڭ كىچىكلىرىنىڭ 15 ياشتىن 18 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېرىيەدە يۈز بەرگەن 20‏-ئاپرېل سۈك ۋەقەسىدە 6 كىشى ئۆلگەن، ئىككى كىشى ئەسىر ئېلىنغان

شىۋېتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20‏-ئاپرېل كۈنى كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزا سۈك كەنتى تەۋەسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ جايدىكى مەلۇم بىر ئۆيدە مۇداپىئەلىنىپ تۇرغان 8 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي خىتاي ساقچىلىرىغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا ساقچىلار بۇ ئۆيگە بومبا تاشلاپ پارتلاتقان، نەتىجىدە 8 نەپەر پىدائىينىڭ ھەممىسى ئۆلگەن.

رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قايتا ئېنىقلىشى داۋامىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى كىشىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكى ھەمدە 8 كىشىدىن بىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ھالبۇكى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى، نەق مەيدان ئورنى قاتارلىق تەپسىلاتلار ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا 5 نەپەر خىتاي 1000 مو دىن ئارتۇق يەرنى ئىگىلىۋالغان

ئىگىلىشىمىزچە، 20-ئاپرېل كۈنى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزا كونا بازار كەنتىدە 5 نەپەر خىتاي كۆچمەننىڭ 1000 مودىن ئارتۇق يەرنى ئىگىلىۋالغانلىقى مەلۇم.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى يەرلىك دائىرىلەر ئالدى بىلەن لەڭگەر يېزىسىدىكى خىتاي يەر ھۆددىگەرلىرىنى ئالاھىدە يوقلىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا جەمئىي 16300 نوپۇس، 24 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، ھەر بىر جانغا ئاران بىر يېرىم مودىن يەر توغرا كېلىدىكەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر يېزىغا كۆچۈپ كەلگىنىگە 10 يىل بولمىغان 5 نەپەر خىتاي كۆچمەننىڭ ھەر بىرى ئاز دېگەندە 250 مو تېرىلغۇ يەرگە ئىگە بولۇۋالغان.

چەكلىك يەر بىلەن تۇرمۇشىنى قامداشقا ئامالسىز قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى يېزىدىكى خىتاي يەر ھۆددىگەرلىرىگە ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتىكەن.

ئىلھام توختى «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلە ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىدە «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىر بەرگەن

ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنىڭ 2013-يىلى 10-ئايدا يازغان «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلە ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى 22-ئاپرېلدىن باشلاپ «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ناملىق تور بېتىدە ئۇلاپ ئېلان قىلىنماقتا.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى 23-سېنتەبىردە ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ چەتئەلدە ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم ماقالىسى ئىكەن.

ئىلھام توختىنىڭ ئالتە چوڭ تېمىدىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر ماقالىسىنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى بايانلىرى ئاڭلىتىلغان.