2015.04.29

بۈگۈن، يەنى 29-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پارلامېنتى ئۇيۇشتۇرغان ماگنېتىسكىي نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى.

بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئامېرىكا پارلامېنتى قارمىقىدىكى ئافرىقا، دۇنياۋى ساغلاملىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار شۆبە كومىتېتى تەشكىللىگەن.

مەزكۇر يىغىنىدا ماگنېتىسكىي نامىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى تۇرغۇزۇش بويىچە رابىيە خانىم قاتارلىق 4 نەپەر كىشى گۇۋاھلىق نۇتقى سۆزلىگەن.

رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق نۇتقىدا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇق تەلەپلىرىنى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.