2015.04.23

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەركىنلىك سارىيى باشلىقى مارك لىگىن بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ماقالە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رابىيە قادىر خانىم ماقالىدە، ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدا قوزغىغان زوراۋان رادىكاللارغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ھەرگىزمۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنى خىتاي سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ بۇنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.