erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم: «ئامېرىكا-خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 13-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرى جېي جونسوننىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىغا قارشى ئەمەسلىكىنى، بىراق ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەمكارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي بېسىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن شەرتسىز ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى ئۇلارغا خاتا سىگنال بېرىپ قويىدۇ. ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.»

گۇاڭشىدىكى بىر دوختۇرخانا چىقارغان «تېررور گۇماندارلىرى» ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

10-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «شىنجاڭلىقلار» نى كۆرگەن ھامان قوغداش بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئۇقتۇرۇش «دوختۇرخانا تەۋەلىكىدە تېررورلۇققا قارشى ھوشيارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش» دېگەن ماۋزۇدا چىقىرىلغان ۋە تامغا بېسىلىپ قىزىل باشلىق ھۆججەت ھالىتىدە تارقىتىلغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا «گۇمانلىق كىشىلەر» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە تىرناق ئىچىگە ئالاھىدە قىلىپ «شىنجاڭلىقلار» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ قوغداش بۆلۈمى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ 10-ئاپرېلدا چىقىرىلغانلىقىنى، ئەمما ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىۋېتىشتا ئىككىلەنمىگەن ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شايار ناھىيىلىك ساقچى ئەترىتى گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنى قورشاۋغا ئالغان ۋە ئۇنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن.

ھالبۇكى، گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىم يول ئۈستىدە قېچىشقا ئۇرۇنغاندا ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت بىلەن سۇڭ گۇەنيەن ئوق چىقىرىپ ئۇنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ساقچى تۇرغۇنجان مامۇتنى 10 مىڭ سوم، سۇڭ گۇەنيەننى 7 مىڭ سوم پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغان ھەمدە تۇرغۇنجان مامۇتنى مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرگەن.

گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمغا ئوق چىقىرىشتا قىلچە ئىككىلەنمىگەن ساقچى تۇرغۇنجان مامۇت مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

كىچىك مۇجاھىت قەشقەرى «GAP ئوسكار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى 7 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر مۇجاھىت قەشقەرى تۈركىيە شەرقىي جەنۇبى ئاناتولىيە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «GAP ئوسكار مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 12-نۆۋەتلىك «GAP ئوسكار مۇكاپاتى» تۈركىيەنىڭ ئادىيامان ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقان شەخسلەرگە بېرىلىدىكەن.

كىچىك مۇجاھىت قەشقىرى ئىلگىرى ئىككى قېتىم خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 2014-يىلى «ئىسمائىل غاسپىرالى خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» غا، 2015-يىلى 3-ئايدا «تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەرزدارلارنىڭ شەھەر ئاتلىشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چەكلەنگەن

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى شەھەر ئاتلاپ ئەرز قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن قايتۇرۇپ ئەكېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن بەزى نۇقتىلىق ئەرزدارلار ئۆز تەۋەلىكىدە نەزەربەند قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نەزەربەندتىن بوشىغاندىن كېيىن يۇرت ئاتلاپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ، دائىرىلەر پاتىگۈل غۇلام، نۇرۇنگۈل توختى قاتارلىق غوللۇق ئەرزدارلارنى قاماققا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، باشقا بارلىق ئەرزدارلارنى ئۆز شەھىرىدىن سىرتقا چىقارماسلىق تەدبىرىنى قوللانغان.

يېقىندا دائىرىلەر ھەرقايسى ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ۋە پويىز ئىستانسىلىرىغا ئەرزدارلارنىڭ قارا تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ شەھەر ئاتلىشىغا يول قويمىغان.

85 ياشلىق غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى «ئالتۇن ئوق» ناملىق ئىلمىي تور بەت ئاچقان

يېقىندا ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق 85 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى «ئالتۇن ئوق» ناملىق تور بەت ئاچقان.

بۇ تور بەتكە ئۇيغۇر تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەرگە دائىر كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى قويۇلۇشقا باشلىغان.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەت ئىلمىي ۋە ئاكادېمىك ئۆلچەمدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن ماتېرىيال ھەمدە تارىخىي ھۆججەتلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بويى يىغقان ھەر خىل تىللاردىكى قىممەتلىك كىتابلىرىنى، تارىخىي قوليازما ئەسەرلەرنى، ۋە ھۆججەت-ماتېرىياللارنى مەزكۇر تور بەت ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان.