
5-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى كافېلىرىنىڭ بىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 70 يىللىقىنى ۋە 1990-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق بارىن يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
دىنىي زات مۇھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئەۋج ئالغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەر داۋامىدا باسقۇنچىلارغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قازا بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ جاسارىتىنى بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خاتىرە مۇراسىمى قاتناشقۇچىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يوللىغان مەكتۇپىنى ئاڭلاپ داغدۇغا بىلەن قارشى ئالدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان كۆرنەكلىك ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 70 يىللىقى» ماۋزۇسىدا چوڭ دوكلات قىلدى. دوكلاتچى مەزكۇر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ « ئەھمەت ئەپەندى»، ئاتاقلىق يازغۇچىلاردىن زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت»، مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ « سەراپ»، ساۋۇت ئابدۇراھماننىڭ « ئۇيغۇرنامە» ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بەدىئىي ئەسەرلەردە تەپسىلىي يورۇتۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ي. سابىتوف 40-يىللىرى تەشكىللەنگەن پارتىزان ئەترەتلىرى ئاساسىدا سۈيدۈڭ، كەڭساي، تېكەس ۋە باشقىمۇ پولكلارنىڭ، شۇنداقلا ئايرىم مۇستەقىل باتاليون، دىۋىزيون، روتا، ئېسكادرون ۋە باشقىمۇ جەڭگىۋار قوشۇنلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ دۈشمەنگە قارشى جەڭلەردە قەھرىمانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنى قەدىرلەشنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى كۈندە نۇرسۇلتان نازاربايېف رەھبەرلىكىدىكى قازاقىستاننىڭ دۇنيادىكى 227 مەملىكەت ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي ئەتكەن 50 دۆلەتنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى، شۇ جەرياندا مۇستەقىل قازاق دۆلىتىنىڭ تىكلەنگەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە قازاقىستاننىڭ مىللىي سىياسەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئالدىنقى ئورۇنغا چىققانلىقىنى، ئەلبېشى ن. نازاربايېفنىڭ دۇنياغا تونۇلغان سىياسەتچى ئىستراتېگىيىچى دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ 26-ئاپرېلدا بولىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلامدا ن. نازاربايېفنىڭ نامزاتىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتە مۇستەقىل مەملىكەت پرېزىدېنتىنى سايلاشتا يەنىمۇ ئاكتىپلىق كۆرسىتىشىگە ئۈمىد قىلدى. ق. غوجامبەردى بارىن ۋەقەسىنىڭ بىۋاسىتە 1989-يىلى خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ياشلار نامايىشى بىلەن تەقدىرداش بولغانلىقىنى، يەنى خىتاي ياشلىرىنىڭ تىنچ نامايىشىنى قانغا بويىغان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان بارىن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭمۇ شۇنداق قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىياسەتشۇناس شۇنداقلا رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا مەيداندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئاخبارات بەردى. ئۇ شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئەتىكى تەقدىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسىيەم تۇردىيېۋا، قازاقىستان ئاياللار كومىتېتى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئاغىچا ھاجىم ۋە باشقىلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئازادلىق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى ئەسلەشنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان بەشياغاچ مەھەللىسى ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.