rabiye-qadir-tom-lantos-jim-mcgovern.jpgرابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومېتىتى ئەزاسى ۋە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتى رەئىسى جىم مەكگاۋېرن ئەپەندى بىلەن بىللە

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تام لانتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخبارات ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27 – مارت كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن جەيمىس مىكگوۋېرن ۋە جۇسېف پىتسلار بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررىيگە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ھەمدە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەت يەنە خىتاي، تايلاند، قىرغىزىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق 9 دۆلەتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىلىرىگىمۇ ئەۋەتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ تەييارلىشىدا، بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.