
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نورۇز بايرىمىدا جەم بولۇپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى.
22-مارت كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2015-يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلىدى.
پائالىيەتتە رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسى بويىچە خەلقئارادا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، باسقان قەدەملىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
پىدائىيلارنىڭ خوتەندە بىر نەپەر ئامانلىق مۇدىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانلىقى ئاشكارىلاندى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەننىڭ باغچە بازىرىغا قاراشلىق سادىقئاۋات كەنتىدە بىر نەپەر ساقچىنىڭ پىدائىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن خوتەندە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئېلىپ قېچىلغان ساقچىنىڭ سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ خىتاي دائىرىلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈزىگە قارا نىقاب تاقىغان 4 نەپەر پىدائىي ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ۋە 3 بالىسىغا چېقىلمىغان.
يېقىنقى 15 كۈندىن بۇيان خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى بىلەن خوتەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئىككى رازۋېدكا گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ بۇ كاتتا دېلونى تەكشۈرمەكتىكەن.
يەكەننىڭ بەشكەنت بازىرى بىلەن شەھەر ئىچىدىكى كەچلىك بازاردا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولدى
مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى يەكەندە تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
رادىئويىمىزنىڭ داۋاملىق ئېنىقلىشى جەريانىدا مەزكۇر ۋەقەدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، يەكەننىڭ بەشكەنت بازىرىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئىككى نەپەر خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئۇندىن باشقا، يەكەندىكى 8-مارت ۋەقەسىدىن 3 ئاي بۇرۇن، يەنى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن كەچلىك بازاردا يەنە بىر مەيدان قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. شۇ كۈنى موتسىكلىت بىلەن كەچلىك بازارغا يېتىپ كەلگەن بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار بازاردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 17 كىشى سوتلاندى
24-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ئائىلە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان.
سوت دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويۇش ياكى خىتايغا قايتۇرۇش ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارىنى 27-مارت كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى سوتقا ئۆز ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ كۆزەتكەن. تۈركىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەزكۇر سوتقا قاتنىشىپ، سوتلانغۇچىلارنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
ھازىر تايلاندتا تەرجىمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ سوتنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قارامايدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى سىرلىق ۋە شىددەتلىك ئوت ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئىگىلىشىمىزچە، 24-مارت كېچىدىن 25-مارت تاڭ ئاتقىچە بولغان ئارىلىقتا قاراماي شەھىرىنىڭ داشىگو رايونىغا جايلاشقان «قاسساپلار مەھەللىسى» دە شىددەتلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ زور ئوت ئاپىتى شۇ كۈنى كېچىسى قارامايدا چىققان 10 بالغا يېقىن شىددەتلىك بوراندا ئەۋجىگە چىقىپ ئەتراپقا تېزلىك بىلەن يامرىغان. ئوت كېتىپ ئۇدا 5 سائەتكىچە ئۆچۈرۈلمىگەن.
رادىئويىمىزنىڭ قارامايدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئوت ئاپىتى جەريانىدا ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقى، بىر ئائىلىدىن ئانا، بالا بولۇپ 6 كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ھالبۇكى، دائىرىلەر بۇ ھەقتە قىسقا خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ۋە سالغان زىيىنى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى قامال قىلماقتىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى قاراقاشتا 15 مىڭ كىشىلىك سوت ئېچىپ پەرزەنتلىرىنى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇتقان 25 كىشىنى جازالىغان
خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي بازىرىدا 15 مىڭ كىشىلىك نەق مەيدان سوتى ئېچىپ، جەمئىي 25 كىشى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلغان.
جازا بېرىلگەن 25 كىشىنىڭ ھەممىسى بالىلىرى بىلەن نەۋرىلىرىنى «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» كە بەرگەن ئاتا-ئانىلار، دىنىي دەرس بەرگەن مۇددەرسىلەر ھەمدە دىنىي ئوقۇتۇشقا ئۆيىنى ئاجرىتىپ بەرگەن كىشىلەر ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، جازالانغانلار 17 ياش بىلەن 60 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى ئايال ئىكەن. 60 ياشلىق بىر موماي قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ھالەتتە سوت مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلغان.
سوتتا ئۇلار «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئاشكارا تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.