2015.03.26

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 25-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەكلىپكە بىنائەن ۋېرجىنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان پروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت بېسىملىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەس-بەستە سوئاللار سوراپ، ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش ھەققىدە مۇھاكىمە قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە رابىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.