
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى.
تۈنۈگۈن، يەنى 22-مارت كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ 2015-يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلىدى.
نورۇز پائالىيىتىگە پايتەخت ۋاشىنگتون، ۋىرجىنىيە ۋە مارىلاند شتاتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغاق رايونىدىكى ھەرقايسى شتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن نەچچە يۈزلىگەن كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىگە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ باشلىنىش نۇتقىدا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە، بۇ يىلنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي زىندانىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ دەل 10 يىللىق خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
رابىيە خانىم تەكلىپ بويىچە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 10 يىل مۇقەددەم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەن چاغدىكى ھېسسىياتىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۆزىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، باسقان قەدەملىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ شەخس ھالىتىدىكى ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە خانىم ئاخىرىدا: «ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ۋەتىنى بولمىسا ھېچنېمىسى بولمايدىغانلىقىنى، ئەركىنلىكى بولمىسا مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھېچقانداق قەدىر-قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتتى»، دېدى.
رابىيە خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، نورۇز پائالىيىتى ئامېرىكىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتقا كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكىلار نورۇز پائالىيىتىگە مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەر بىلەن كىيىنىپ كەلگەن جامائەتچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياش ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى.
ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۇ يىللىق نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مىللىي بايرام ھەم ئۇنىۋېرسال خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇش پۇرسىتى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ياش ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى نورۇز بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ھەمدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن گۈزەل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ كېلىشى بىزگە ئامېرىكىدەك بۈيۈك بىر دۆلەتتە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ھەم ئامېرىكىلىق، ھەم ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىدۇ، دەيدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.