erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 17-مارت كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەت داۋامىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇنىڭ 10 يىللىق ھايات مۇساپىسى ۋە بۇ جەرياندىكى تەسىراتلىرى ھەققىدە ئورتاقلاشتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى سۈرەتكە ئالدى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلە ھەمدە باشقا ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس تېلېۋىزىيە زىيارەت فىلىمىمىزنىڭ -1 قىسمىنى بۈگۈندىن باشلاپ، تور تېلېۋىزىيەمىزدىن كۆرەلەيسىز.

قەشقەردە 12 ‏-مارت كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسى دەلىللەندى

قەشقەر شەھىرىدە 12-مارت كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسى ساقچىلار ۋە دوختۇرلار تەرىپىدىن رەسمىي دەلىللەندى.

ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەشقەر شەھىرىنىڭ ياربېشى ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر قىمارخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىگىلىشى داۋامىدا، قەشقەر شامالباغ ساقچىخانىسى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك 1‏-دوختۇرخانىنىڭ خادىملىرى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، شۇ كۈنى 6 نەپەر ھۇجۇمچى ياربېشى تەۋەلىكىدىكى بىر قىمارخانىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم جەريانىدا قىمارخانا ئالدىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن 8 نەپىرى يارىلاندۇرۇلغان ھەمدە ئۇلارغا تەۋە بىرقانچە موتسىكلىت ۋە ئاپتوموبىللار ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن قوراللىق ساقچىلار ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىغان، ئىككى نەپىرىنى ئەسىرگە ئالغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋەقە ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

يەكەندىكى 8 -مارت ھۇجۇمىدا تاغارچى يېزىلىق ئامانلىق ساقلاش باشلىقى فاڭ كېجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن 3 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنى يەكەندە خىتاي ئامانلىق خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، توقۇنۇش شۇ كۈنى يەكەن ناھىيە ئىچىدىكى كەچلىك بازار بىلەن ئىلگىرىكى قوراللىق ساقچى قىسىم بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پىچاقلىق ھۇجۇم جەريانىدا يەكەننىڭ تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجاڭ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە تاغىسى بىرلىكتە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا، خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق خادىمى بارات مەمەتمۇ ئۆلتۈرۈلگەن.

نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن قوراللىق ساقچىلار 7 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىغان. ۋەقە جەريانىدا يەنە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرى ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىلىق ئاڭلىتىلدى

18-مارت كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ رۇسسېل سارىيىدا «خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» تېمىسىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكا پارلامېنتىدا تەسىس قىلىنغان « ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك كومىسسىيىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 12 نەپەر مۇتەخەسسىس مەخسۇس تېمىلار بويىچە گۇۋاھلىق بەردى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا فرېدرىك ستار، مارېلىن لارۇللې قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرى يىغىنغا قاتناشقان پالاتا ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

9‏-مارت كۈنى پۇرچاقچىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قېچىپ كەتكەن پىدائىيلارنىڭ تېخى تۇتۇلمىغانلىقى مەلۇم

ئىگىلىشىمىزچە، قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قېچىپ كەتكەن ھۇجۇمچىلارنىڭ تېخىچە تۇتۇلمىغانلىقى مەلۇم.

مۇشۇ ئاينىڭ 9 ‏-كۈنى قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزا جۈمەبازار كەنتىدە 7 نەپەر ھۇجۇمچى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇشتا 1 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۇجۇمچىلاردىن 2 نەپىرىنىڭ ئۆلۈپ، 2 نەپىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكى ۋە قالغان 3 نەپىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، قېچىپ يۈرگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ تېخىچە تۇتۇلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا بېرىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما قېچىپ يۈرگەن گۇماندارلار تېخىچە تۇتۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەنى ئاھالىلەرگە قىسمەن ھالدا ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىگە بەرگەن «باھا» سىغا ئىنكاس قايتۇردى

بۇ يىل 12-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بىر قىسىم ئەسلىمە ۋە باھالار ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا بەرگەن «باھا» سى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان.

«باھا» دا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشتا كۆرسەتكەن «تۆھپە» لىرى مەدھىيەلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، سەيپىدىن ئەزىزىنى مىللىي تەسلىمچىلىك ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىشتەك قىلمىشلىرى نۇقتىسىدىن قاتتىق ئەيىبلىدى.