2015.03.17

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۈگۈن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى شەرەپ مېھمىنى قاتارىدا كۈتۈۋالدى.
ئۇ بۈگۈن تەكلىپكە بىنائەن مەخسۇس ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مەركىزى بىناسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، رادىئويىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىر، تەھرىرلەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئون يىللىق ھايات مۇساپىسى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.