2015.03.16

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ، ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارادا ھارماي-تالماي ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن.

باياناتتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «رابىيە خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان رەھىمسىزلەرچە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدىكى كۈرىشىنىڭ سىمۋولى. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ۋە ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ رەزىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۈرمىگە قامىدى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنى «تېررورىست» دېگەن بوھتان بىلەن ئەيىبلىدى. ھالبۇكى، رابىيە خانىم ئىزچىل ھالدا ھەق سۆزنى سۆزلەشتىن ۋە مىللىي دەۋا يولىدىن قايتمىدى…»

باياناتتا يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا خەلقئارادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈلگەن شۇنداقلا يۇقىرى باھا بېرىلگەن.