
رابىيە قادىر خانىم جاڭ چۈنشيەننىڭ بېيجىڭدىكى باياناتىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن كومپارتىيە سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 9-مارت كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «شىنجاڭ ‹ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى› نىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە سۈرىيەدە جەڭ قىلىپ قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم «شىنجاڭلىقلار»نىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى خېلى ئىلگىرىلا «ئىراق-شام دۆلىتى» دە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان 300 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ باياناتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۆز مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەت» ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان
يېقىندا يېڭىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق ساغان يېزىسىدا ياشلارنىڭ پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتنى يېزىلىق سىياسى-قانۇن كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېزىدىكى 460 نەپەر ياش بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان. بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەر 3 يەشىك پىۋا بىلەن مۇكاپاتلانغان.
ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا، بۇ خىل پائالىيەت ئارقىلىق «دېھقانلارغا يېڭىلىق قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە گۈزەل يېزا قۇرۇش» تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا «زامانىۋى مەدەنىيەت» ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىماقتا.
«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتايلارنى كۈشكۈرتكەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى لى جى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى لى جى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
لى جى 2009-يىلىدىكى «5- ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر مىنىبۇس ئۈستىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايلارنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشقا كۈشكۈرتكەن. ئۇ شۇ قېتىملىق سۆزىدە «رابىيە قادىرنى يوقىتايلى!» دەپ شوئار توۋلىغان.
ۋاڭ لېچۋەننىڭ يېقىنى بولغان لى جى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
ئانالىزچىلار، ئۇنىڭ بۇ قېتىم چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ جياڭ زېمىن گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن بولغان كۈرىشىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى، دەپ قارىماقتا.
ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى ھېينىر بىلىفېل چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ»، دېگەن.
ھېينىر بىلىفېل يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ دېموكراتىيە ۋە قانۇنغا تايىنىپ ئىش قىلىشقا كەلگەندە ئىنتايىن ئاجىز»، دېگەن.
ب د ت نىڭ بۇ ئىنكاسى جاڭ چۈنشيەننىڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بەرگەن «سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەر قولغا چۈشتى» دېگەن باياناتىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىققان.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى يارىلانغان، بىر كىشى ئۆلگەن
11-مارت كۈنى كەچ سائەت 18:00 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى تۆمۈريول ئىدارىسى تەۋەلىكىدە بىر مەيدان قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىملىكى نامەلۇم بولغان ئىككى نەپەر ھۇجۇمچى نېفىت سارىيى ئالدىدا كېتىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇم جەريانىدا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن 3 نەپىرى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان.
ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى دەرھال ئوق چىقىرىپ ھۇجۇمچىلاردىن بىر نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان، يەنە بىر نەپىرىنى ئەسىر ئالغان.
شۇ كۈنى خىتاي ساقچى تورىدا ۋەقە ھەققىدە بىر قىسقا ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇ توغرىلىق ماقالە ۋە باھا ئېلان قىلغان
مەلۇم بولۇشىچە، سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كۆپلىگەن ماقالە ۋە باھالار ئېلان قىلىنغان.
بۇ ھەقتىكى ماقالىلەردە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قوشقان ئاتالمىش «تۆھپە» لىرى ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن 5 تۈرلۈك «باھا» سىنى قايتا تەكىتلىگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى سەيپىدىن ئەزىزىگە باھا بېرىشتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارازىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى تۈپ پرىنسىپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.