qoralliq-saqchi-herbiy-chong-bazar.jpg5-ئىيۇل قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن، خەلقئارالىق چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا ئامانلىق قوغداۋاتقان قوراللىق ھەربىيلەر. 2009-يىلى 12-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى ھېيىنېر بېيلېفېلد چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «پاراكەندىچىلىك» سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكىتى « ئېغىر مەسىلىگە» ئايلانغان.

ھېيىنېر بېيلېفېلدنىڭ بايانى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىل قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ب د ت نى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھېيىنېر بېيلېفېلد ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ، « مەن پاراكەندىچىلىككە ئالاقىدار ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مەسىلەن، رامىزان ئېيى مەزگىلىدىكى قورقاق سېلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى، مەكتەپ بالىلىرىدىن روزىسىنى بۇزۇشنى تەلەپ قىلىشتۇر.»

خىتاي ئاساسى قانۇنى ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى چەكلىمىسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك دائىرىلەر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 خىل كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى، مەسچىتكە كىرىش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشىنى چەكلەپ كەلگەن. بەزى رايونلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رامزاندا مەجبۇرى تاماق بېرىش، جۈمە نامىزى ۋاقتىدا مەكتەپكە يىغىۋېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.

ھېيىنېر بېيلېفېلد يۇقىرىقى سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى مەزگىلىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ قىلدى. ئۇ، شۇ كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 28 ‏-نۆۋەتلىك پەسىللىك يىغىنىنىڭ 21‏-قېتىملىق مۇزاكىرىسىدە دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى سۇنغان ئىدى.

ئۇ يىغىندا، « دۆلەتلەر ھەر خىل دىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىزمەت مېخانىزمى ياكى پائالىيەت بوشلۇقى يارىتىپ، ھەر خىل دىنلارنىڭ ئۇلارنىڭ قورقماي، كەمسىتىشكە ئۇچرىماي، ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. يول ئېچىپ بېرىشى لازىم. شۇڭا، مەن ئۈچۈن ھەر تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەت بوشلۇقى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىدا ھالقىلىق ئامىل» دېگەن.

ب د ت ئەمەلدارىنىڭ باياناتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت غا ئېلىپ چىقىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بىراق بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ب د ت غا ئېلىپ چىقىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇنىڭدىن ب د ت غا ناھايىتى رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دىنىي مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ مۇشۇنداق بىر ئاۋازى چىقىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ يەنە تىل مەسىلىمىز بار، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈۋاتقان، گۇناھسىز ئۆلتۈرۈۋاتقان مەسىلىمىز بار. تۇتقۇنلار مەسىلىسى بار، قىيىن-قىستاق مەسىلىسى بار، كۆچمەنلەر مەسىلىسى بار، يەنە ئوخشىمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. تېخى مۇشۇ مەسىلىلەرگىمۇ ب د ت نى خۇدا بۇيرۇسا بارلىق كۈچىمىز بىلەن كۈرەپ قىلىپ، ب د ت نىڭ بارلىق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر قېتىم خىتايغا مانا مۇشۇنداق ئاۋاز بىلەن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي ۋەزىيىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق كۈرىشى، ئۇيغۇر خەلقى تۆلىگەن ئېغىر بەدەلنىڭ جاۋابى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ، دىنىي ئەركىنلىك ئەمەلدارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇشۇ 10 يىلدىن بۇيان يۈگۈرۈپ يۈرۈپ قىلغان خىزمىتىنىڭ بولۇپمۇ د ئۇ ق ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ توختىماي قىلغان ئەمگىكىنىڭ يەتكۈزگەن ماتېرىياللىرىنىڭ، چىقارغان دوكلاتلىرىنىڭ، قايىل قىلارلىق خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، خەلقىمىزنىڭ ۋەتەندە قان تۆككەن. بىھۇدە ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بەدىلىنىڭ جاۋابى. مانا خەلقىمىز جان بېرىش، بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ب د ت دا ئەڭ ئاخىرى بۇ ئاۋازنى بىز تارتىپ چىقتۇق.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى ھېيىنېر بېيلېفېلد ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى خىتايدىكى ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىشىپ بېرىش تەلىپىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدر جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ب د ت تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قېتىملىق تەكشۈرۈشى 2004‏- يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان. ئۇ شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۈرۈمچى ‏-1 تۈرمىنى تەكشۈرۈپ، ئاتاقلىق يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. نۇرمەمەت ياسىن ب د ت ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم، ب د ت نىڭ خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا مەجبۇرلاشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش، تۇتۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ھەر جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەسىلىلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلدى، خىتاي ھۆكۈمىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت، ئەلۋەتتە بىز ب د ت دىن قايتا-قايتا تەلەپ قىلىۋاتىمىز، ب د ت بېرىپ، چوقۇم تەكشۈرۈش ئۆمەك ئەۋەتىپ بۇنى تەكشۈرۈشى كېرەك، ئېنىقلاش كېرەك. يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ جاۋابىنى ئېلىش كېرەك، 2009‏- يىلى يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ جاۋابىنى ئېلىش كېرەك. بولۇپمۇ مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدىكى يەركەندە، لۈكچۈندە، قەشقەردە، خوتەندە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە ئون ھەسسە تۆۋەن ئېلان قىلىندى. بۇنى ب د ت ئېنىقلاش كېرەك، دەپ بىز قاتتىق تەلەپ قويۇۋاتىمىز. ب د ت گۇرۇپپا كىرگۈزۈپ بۇنى قەتئىي ئېنىقلاش كېرەك. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ غايىب بولغىنى غايىب بولغانچە، ئۆلگىنى ئۆلگەنچە كەتمەيدۇ. دۇنيا ھامان بۇنىڭ سورىقىنى ئالىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ھېچقاچان خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىق مەسىلىسى.

ھېيىنېر بېيلېفېلد ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ قايتا تۆرىلىش مەسىلىسىگە قول تىقىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق دىنىي جامائەتلەرنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى زەھەرلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئەمەلدارىنىڭ دوكلاتىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رامىزان قاتارلىق دىنىي بايراملاردا ھەر قانداق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، دېيىشنىڭ ھېچقانداق «ئاساسى يوق» دېگەن.