ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلەنگەن خىتاي رەھبىرى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭمۇ «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولغا ئىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۆز مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
9-مارت جاڭ چۈشەن بېيجىڭدا چاقىرىلىۋاتقان «ئىككى قۇرۇلتاي» جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ سۈرىيەدە جەڭ قىلىپ قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم «شىنجاڭلىقلار»نى قولغا ئالغانلىقىنى، دېلو دەلىللەنگۈچە ۋەقەنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، قولغا ئېلىنغانلارنى «شىنجاڭلىقلار» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ۋە سانى ھەققىدە توختالمىغان.
ئىلگىرى خىتاي ئاخباراتى «ئىراق-شام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا 300 نەپەر ئۇيغۇرنىڭمۇ جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ باياناتىنىڭ پاكىتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بۇ ئۈستىدە توختىلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر پاكىت، چۈنكى پاكىتنىڭ چىنلىقىدا گۇمان بار. دېيىلگىنى راست بولسا نېمە ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە بۇ ئەھۋال خىتاي ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنمايدۇ؟ جاڭ چۈنشيەن مۇخبىرمۇ، رەھبەرمۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنى خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا يول قويمايدۇ، ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاشكارىلايدۇ؟ دېمەككى پاكىت ئويدۇرۇلما ياكى بۇرمىلانغان.
ئۇ يەنە، جاڭ چۈنشيەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن كېلىپ چىققان مىللىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە خىتاينى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسەت ئۆزگەرتىشكە، ئەركىن ئاخبارات ۋە ئەركىن مۇنازىرىگە يول بېرىشكە چاقىردى.