
8-مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 7-8-مارت كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئىرانلىق ئۆكتىچى ئاياللار تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «مىللىي ئەسەبىيلىك ۋە دىكتاتورىلىققا قارشى تۇرۇش» يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى رەئىسى رىسالەت ئارىپوۋا خانىم سۆز قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىرانلىق ئۆكتىچى ئايال لىدېرلاردىن مەريەم رەزىۋى خانىممۇ نۇتۇق سۆزلىگەن يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە 8 دۆلەتنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن بولۇپ 20 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىرغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان رىسالەت ئايىپوۋا بىلەن ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان پاجىئەلەر ئاڭلىتىلغان.