
شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان كۈنلەردە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە 13-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتى.
جەنۋە شەھىرىدىكى پىتوئېف تىياتىر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» دېگەن فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. بۇ فېستىۋالغا شۋېتسارىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست، «لا تەمپس» گېزىتىنىڭ مۇدىرى فرېدېرىك كوللېر ئەپەندى، فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست پىئېررە خاسكى، فىرانسىيەلىك پروفېسسور رېمى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ھەم رابىيە قادىر خانىمدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئاللار سورىغان. بۇ پائالىيەت 3-ئاينىڭ 3-كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 13-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلىشىنىڭ، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتنىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كېلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.