د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە 13-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كىنو فېستىۋالى ۋە مۇنبىرىگە قاتناشتى. 27-فېۋرالدىن باشلىنىپ، 8-مارتقىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر كىنو فېستىۋالىنىڭ 3-مارت كۈنىدىكى قىسمىدا مەخسۇس رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن.
«كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى خەلقئارالىق كىنو فېستىۋال ۋە مۇنبەر» جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك كىنولار بويىچە ئەڭ مۇھىم فېستىۋال پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر فېستىۋالىنىڭ تور بېتىنىڭ 3-مارت كۈنىدىكى سەھىپىسىدە مەخسۇس «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ۋە رابىيە قادىر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىيىتى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن.
3-مارت كۈنى جەنۋە شەھىرىدىكى پىتوئېف تىياتىر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر فېستىۋالدا ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» دېگەن فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ فېستىۋالغا شۋېتسارىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست، «لا تەمپس» گېزىتىنىڭ مۇدىرى فرېدېرىك كوللېر ئەپەندى، فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست پىئېررە خاسكى، فىرانسىيەلىك پروفېسسور رېمى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ھەم رابىيە قادىر خانىمدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئاللار سورىغان. مەزكۇر پائالىيەتكە 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قارىشىچە، 13-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر.
رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىم ئاۋسترالىيەلىك كىنو رېژىسوررى جېف دانىيەل تەرىپىدىن ئىشلىنىپ، ئالدى بىلەن ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەردە قويۇلغان ئىدى.