
ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى. رابىيە قادىر بۇ چاقىرىقنى 12 – فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى دانا روھراباكېر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم روھراباكېر بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.
بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى سۆزلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ، دىققەت قوزغىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولغاي.