2015.02.13

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى «كۈنمىڭ ۋەقەسى» گە چاتتى. ئۆتكەن يىلى ھىندونېزىيە ساقچىلىرى مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە 9 نەپەر ئۇيغۇرنى گۇمانلىق، دەپ توختاتقان. ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى قېچىپ كېتىپ، 4 نەپىرى تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 13-فېۋرال خەۋىرىدە، ئۇلارنىڭ «كۈنمىڭ ۋەقەسى» نى پەيدا قىلغان گۇرۇھ بىلەن ئالاقىدار، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ گۇرۇھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغان.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يېنىدىن ئۇلارنىڭ تۈرك پاسپورتىدىن باشقا ھېچقانداق كىملىك بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بولسا، ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى مۇقىملاشتۇرالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.