ghulja-weqesi-almata.jpgقازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارنى ئەسلىدى. 2015-يىلى 7-فېۋرال، ئالماتا.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغان خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسكە ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ 7-فېۋرالدا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى بىر كافېخانىغا جەم بولۇپ، شۇ قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنى ئەسلىدى. زىيالىيلار، ياشلار، يۇرت-جامائەتچىلىك بولۇپ 200 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان مەزكۇر خاتىرە يىغىنى ئادەتتىكىدەك سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ چوڭ دوكلاتى بىلەن باشلاندى. ئۇ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى رولىنى، غۇلجا ياشلىرى تىنچلىق نامايىشىنىڭ مەقسىتىنى پاكىتلار ئاساسىدا چۈشەندۈردى. ق. غوجامبەردى شۇنداقلا خەلقئارادا شەكىللەنگەن مۇرەككەپ بىر ۋەزىيەتتە، رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

نۆۋەتتە سۆزگە چىققان قازاق زىيالىيسى خاسېن كوجاخمېت، ژۇرنالىست نائىلەم ھەمرايېۋا، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ۋە باشقىلار تۈركىي خەلقلەر بىرلىكى، ۋەتەن داۋاسى، مىللەت تەقدىرى ھەم ئۇنىڭ كېلەچىكى، ياشلار، تەلىم-تەربىيە ۋە مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شائىر مىرزەخمەت مېرىموف ۋەتەن توغرىلىق شېئىرىنى ئوقۇدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەھەممەت ھاجىم مۇراسىم ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.