dilmurat-ekber-nazim-qemberi-esqerjan.jpgدىلمۇرات ئەكبەر ئەپەندى(ئوڭدىن بىرىنچى) پېشقەدەم زىيالىي نازىم قەمبىرى ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجانلار بىلەن. 2014-يىل ئاۋغۇست، بىشكەك.

31-يانۋار كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىر ئارىغا جەم بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي پائالىيەتچى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەرنىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ دىلمۇرات ئەكبەرگە يوللىغان تەبرىكنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. تەبرىكنامىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھۆرمەتلىك دىلمۇرات ئەكبەر ئەپەندى، سىز ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان جەريانىڭىزدا، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش، مىللىي ئەنئەنە ۋە ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور پىداكارلىق ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپلا قالماستىن، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ھەمدە دېموكراتىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە خىزمەت كۆرسىتىپ كەلدىڭىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، سىزگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى نامىدىن ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمىزنى ۋە چەكسىز ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

يەنە شۇنداقلا، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ئالىي ھۆرمىتىمىزنى ۋە سېغىنىشىمىزنى ئىزھار قىلىمىز!»

تەبرىكنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، قازاقىستان ھەم قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەزەلدىن خىتاي ھاكىمىيىتىگە زور تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئەمما قازاقىستان ھەم قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھېچقاچان خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمىدى.ئەكسىچە،ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى، غۇرۇرى ۋە ئىمانىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن زور پىداكارلىق كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارلىنىشىغا ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىگە مۇناسىپ!».

مۇراسىم ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلمۇرات ئەكبەر ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى جانلىنىشقا باشلىدى. 1990-يىللاردا مىللىي داۋا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئىدىيەمدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئىشلىرىدا مەن ئاساسەن ئىقتىسادقا مەسئۇل بولۇپ تۇردۇم. كېيىن رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىن ئىتتىپاق جەمئىيىتى مەركىزى كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە مىللىي داۋا ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئىلىپ باردۇق. ئۇندىن باشقا پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلدا تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى ئېچىپ بالىلىرىمىزنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا مېنى قوللاپ بەرگىنى ئۈچۈن خەلقىمىزگە چۇڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»

مۇراسىم داۋامىدا يەنە، ئالماتادىن كەلگەن ئاتاقلىق سەنئەتكارلار نۇرئالىم ۋارىسۇف، مۇرات نورۇزۇف ھەمدە «يۇلتۇز» ۋە «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ سەنئەتچىلىرى كۆپچىلىككە نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم ئەتتى.