firansiye-uyghur-jemiyiti-saylam-1.jpgپارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدىكى زالدا ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلىمىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى دېكابىر، فىرانسىيە.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 1-ئاينىڭ 19-كۈنى فىرانسىيەدە بىر كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ باردى. رابىيە قادىر خانىم، بۇ بىر كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.

بۇلاردىن سىرت د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم فىرانسىيەدىكى بەزى سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئامېرىكىنىڭ جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئارخېئولوگىيەسى توغرىسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، مەزكۇر يىغىننىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكىنىڭ فىرانسىيەدە ئېچىش قارار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى يىغىنىنىڭ فىرانسىيەدە ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم فىرانسىيەگە ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا قايتتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.